UyghurMain Dictionary
سان فرانسىسكو يىغىنى
دۇنيا تارىخى
«سان - فرانسىسكو يىغىنى»بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نىزامنامىسىنى تۈزۈش يىغىنى. يىغىنغا 1945 - يىلى 2 - ئايدىكى يالتا يىغىنىنىڭ قارارىغا بىنائەن جۇڭگو، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، ئەنگلىيەلەرنىڭ تەشەببۇسى بىلەن <بىرلەشكەندۆلەتلەر خىتابنامىسى> گە ئىمزا قويغان دۆلەتلەر ۋە ئۇنىڭغا قاتنىشىدىغان دۆلەتلەر تەكلىپ قىلىنغان. يىغىن 1945 - يىلى 4 - ئاينىڭ 25 - كۈنىدىن 6 - ئاينىڭ 26 - كۈنىگىچە ئامېرىكىنىڭ سان - فرانسىسكو شەھىرىدەئېچىلغان. 56 دۆلەتتىن 282 نەپەر ۋەكىل قاتناشقان. يىغىن يىغىن رەئىسى، پولشا، ئارگېنتىنا قاتارلىق دۆلەتلەرنى يىغىنغا تەكلىپ قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە ئادەتتىكى مۇنازىرە ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، 5 -ئاينىڭ 3 - كۈنىدىن باشلاپ ب د ت نىزامنامىسىنى مۇزاكىرە قىلىش ۋە بېكىتىش، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئاۋازغا قويۇش تەرتىپى، خەلقئارالىق ۋەكالىتەن باشقۇرۇش، رايون خاراكتىرلىك تەشكىلاتلار، ب د ت يىغىنىنىڭ ھوقۇقى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇنازىرىنى قانات يايدۇرغان. يىغىندا ئاساسىي جەھەتتىن دۇمبارتۇن كاشتانزارلىقى يىغىنىدا تەييارلانغان تەكلىپ لايىھىسىگە بىنائەن، 6 - ئاينىڭ 25 - كۈنى <بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسى> ھەم نىزامنامىنىڭ تەركىبى قىسمى بولغان <خەلقئارا سوت پۈتۈمى> بىردەك ماقۇللانغان. ئىمزا قويۇش رەسمىيىتى 5 - ئاينىڭ 26 - كۈنى تاماملانغان (پولشا قۇرغۇچى ئەزا دۆلەت بولسىمۇ، لېكىن شۇ چاغدا پولشا ھۆكۈمىتى تېخى شەكىللەنمىگەنلىكتىن، 10 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تولۇقلاپ ئىمزا قويغان).