UyghurMain Dictionary
سان فرانسسىكو
بىئولوگىيە
ئا ق ش نىڭ تىنچ ئوكيان قىرغىقىدىكى ئىككىنچى چوڭ شەھىرى، مۇھىم قاتناش تۈگۈنى. بۇ شەھەر سان فرانسىسكو قولتۇقىنىڭ شىمالىدىكى كىچىك بىر يېرىم ئارالغا جايلاشقان. شەھەر ئىچىنىڭ مەيدانى 116 كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ، ئاھالىسى 681 مىڭدىن ئاشىدۇ، شەھەر رايونىنى قوشقاندا 3 مىليون 159 مىڭغا يېتىدۇ (1981). سان - فرانسىسكو رايونىنى 16 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى ئىسپانىيىلىكلەر كېلىپ قۇرغان. 1578 - يىلى ئەنگلىيىلىك دېڭىزچى فرانس دراكى بۇ جايدىن قۇرۇقلۇققا چىققان. بۇ جاينى 1821 - يىلى ئا ق ش ئۆتكۈزۈۋالغان. بۇ جايدا 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى ئالتۇن كان تېپىلغاندىن كېيىن تېز تەرەققىي قىلىشقا باشلىغان. بۇ ئورۇننى خەنزۇچە <جۇجىڭسەن> (كونا ئالتۇن تېغى) دەپ ئاتايدۇ. سان فرانسىسكودا ئالتۇن كانى تېپىلغاندىن كېيىن جۇڭگودىن زور تۈركۈمدىكى ئىشچىلارنى بۇ جايغا يۆتكەپ بارغان. شۇڭا بۇ شەھەر ئا ق ش بويىچە جۇڭگو ماھاجىرلىرى ۋە جۇڭگولوقلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئەڭ كۆپ شەھەر ھېسابلىنىدۇ. سان فرانسىسكو 1906 - يىلدىكى يەر تەۋرەشتە زور ۋەيرانچىلىققا ئۇچراپ كېيىن قايتا قۇرۇلغان. سان فرانسىسكو قولتۇقىنىڭ مەيدانى 1126 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، پەقەت 1200 مېتىر كەڭلىكتىكى جىڭمىڭ بوغۇزى ئارقىلىق تىنچ ئوكيان بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ. ئۇ ئا ق ش نىڭ غەربىي قىسمىدىكى مۇھىم ھەربىي ۋە ئاتاقلىق سودا پورتى. سان فرانسىسكونىڭ سانائىتى تەرەققىي قىلغان، ئۇ جايدا ئايروپىلان ياساش، راكېتا زاپچاسلىرىنى ياساش، ئېلېكترون ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، يېمەك - ئىچمەك، نېفىت، خىمىيە، نەشرىياتچىلىق قاتارلىق سانائەت تارماقلىرى بار. شەھەرنىڭ شەرقىي شىمالىدا جۇڭگولۇقلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، بۇ جاينى <جۇڭگولۇقلا شەھىرى> دەپمۇ ئاتايدۇ. سان فرانسىسكو شەھىرىنىڭ ھاۋاسى ئىللىق، مەنزىرىسى گۈزەل بولۇپ، ساياھەت ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان. شەھەردە زامانىۋى جىڭمىڭ كۆۋرۈكى، دېڭىز قولتۇق كۆۋرۈكى قاتارلىق كۆۋرۈكلەر، 1855 - يىلى قۇرۇلغان سان فىرانسىسكو داشۆسى، 1899 - يىلى قۇرۇلغان سان فىرانسىسكو شۆيۈەنى، 1921 - يىلى قۇرۇلغان سان فىرانسىسكو ئاياللار شۆيۈەنى، كالىفورنىيە داشۆسى قاتارلىق 18 ئالىي مەكتەپ، 45 رادىئو ئىستانسىسى، 7 تېلېۋېزور نومۇرلىرىنى قوبۇل قىلىش ئورنى ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرى بار.