UyghurMain Dictionary
ساھىب
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئىگە، مۇئەللىپ:
ئۇلار كىم ئىردى پەيغەمبەرغە ساھىب،
بولۇپ مەجزۇيى نۇرۇللاھ جازىب.
ناقىس.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئىگە، ئىگە بولغۇچى، خوجا؛ يولداش؛ جاناپ: ساھىب ئەزا - ھازا ئىگىسى، ھازىدار؛ ساھىب جاھ - ئۇلۇغ مەرتىۋىلىك، مەرتىۋە ئىگىسى، ئەمەلدار؛ ساھىب راي - پىكىر ئىگىسى، پەم - پاراسەت ئىگىسى؛ ساھىب كەرەم - شەپقەتلىك، سېخى، مەرھەمەتلىك؛ ساھىب خانە - ئۆي ئىگىسى؛ ساھىب تەكبىر - دۇئا قىلغۇچى؛ ساھىب قىران - بەختلىك، تەلەيلىك، ئوڭۇشلۇق، يۇلتۇزى ئىگىز.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىگىدارلىق قىلغۇچى ۋە باشقۇرغۇچى.
ئاش ئىگىسى بىلەن تاتلىق. ئىگىسى رازى بولمىغان ئاش قورساق ئاغرىتار. مال ئىگىسىنى دورىمىسا ھارام. ئىگىسىدىن ئايرىلسا ئىتمۇ يىغلار. بۇ ئىشقا مەن ئىگە. تىرىشچانلىق ۋاقىتنىڭ خوجىسى. پۇلنىڭ قۇلى بولما، خوجايىنى بول.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
بىرەر نەرسىگە ئىگە بولغۇچى، ئىگە.:
بىرەر ئىشتا ياردەملەشكۈچى خىزمەتچى، مۇلازىم.
شاگىرت بولاي مەن ساڭا. ھەيران بىلمە ساھىبنى، تاپشۇرارمەن قولۇڭغا، ئەمدى بەش يۈز تالىپنى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
ساھىپ، سايىپ
ئىگە بولغۇچى، ئىگىلىگۈچى؛ دوست، سۆھبەتداش