UyghurMain Dictionary
ساھابى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ تەرجىمە مەنىسى «شاگىرت» ياكى «ئۈممەت» دېگەنلىك، ئەسلىي مەنىسى «ھەمراھ» دېگەنلىك بولىدۇ. ساھابى دېگەندە، دەسلەپكى چاغلاردا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەگەشكەنلەر، ئاساسلىقى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن مۇناسىۋەت قىلغان مۇسۇلمانلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئۇلار بىر نەچچە دەرىجىگە بۆلۈنىدۇ. ئالىي دەرىجىلىكلىرى ئون ئەۋلىيا ( جۈملىدىن تۆت خەلىپە) دېيىلىدۇ؛ مۇھاجىرلار، ئەنسارىلار ۋە بەدرى غازىتىغا قاتناشقانلار ئۇلاردىن كېيىن تۇرىدۇ. سۈننىي مەزھىپى بۇ كىشىلەرنى ئىنتايىن ھۆرمەتلەيدۇ. ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە تەرجىمىھال يېزىپ چىققان. بەزىلەر بۇنداق قىلىشنى سۈننەت، ئۈلگە، دەيدۇ؛ ئۇلارغا ھۆرمەت قىلماسلىق گۇناھ سادىر قىلغانلىق بولىدۇ، ئۇنداقلا جازالىنىشى كېرەك، دەپ قارايدۇ. شىئە مەزھىپىنىڭ بۇ ھەقتىكى قارشى ئوخشىمايدۇ.