Uyghur←ChineseMain Dictionary
سادوزايىلار سۇلالىسى
Domain: دۇنيا تارىخى萨多查依王朝
sà duō chá yī wáng cháo
دۇرانى خاندانلىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئافغانىستاندىكى فېۋرال خاندانلىق (1747 - 1818). 1747 - يىلى ئابدالى (كېيىن دۇررانى دەپ ئۆزگەرتىلگەن) قوۋمى سادوزاي ئۇرۇقىنىڭ خەلىپىسى ئەھمەد شاھ دۇررانى قۇرغان، پايتەختى قەندىھار. ⅧⅩ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، ئۇنىڭ زېمىنى شەرقتە پەنجاپتىن، غەرپتە كاسپىي دېڭىزىغىچە، جەنۇبتا ئەرەب دېڭىزىدىن، شىمالدا بالىرغىچە بولۇپ، شۇ چاغدا ئوسمان ئىمپېرىيىسىدىن قالسا ئىككىنچى چوڭ مۇسۇلمان كۈچلۈك دۆلىتى بولۇپ قالغان. 1773 - يىلى تېمور (1746 - 1793)تەختكە ۋارىسلىق قىلغان ھەمدە پايتەختىنى كابۇلغا يۆتكىگەندىن كېيىن، خاندانلىقنىڭ كۈچى خارابلىشىشقا باشلىغان. 1818 - يىلى باراكزائى مىللىتىنىڭ خەلىپىلىرى ئاخىرقى پادىشاھ ماھمۇدنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، خاندانلىق ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بەرگەن. 1826 - يىلى، دوست مۇھەممەد (1793 - 1863) باراكرائىيلار سۇلالىسىنى قۇرۇپ، ئافغانىستانغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.