UyghurMain Dictionary
سادوزايىلار سۇلالىسى
دۇنيا تارىخى
دۇرانى خاندانلىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئافغانىستاندىكى فېۋرال خاندانلىق (1747 - 1818). 1747 - يىلى ئابدالى (كېيىن دۇررانى دەپ ئۆزگەرتىلگەن) قوۋمى سادوزاي ئۇرۇقىنىڭ خەلىپىسى ئەھمەد شاھ دۇررانى قۇرغان، پايتەختى قەندىھار. 18 - ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، ئۇنىڭ زېمىنى شەرقتە پەنجاپتىن، غەرپتە كاسپىي دېڭىزىغىچە، جەنۇبتا ئەرەب دېڭىزىدىن، شىمالدا بالىرغىچە بولۇپ، شۇ چاغدا ئوسمان ئىمپېرىيىسىدىن قالسا ئىككىنچى چوڭ مۇسۇلمان كۈچلۈك دۆلىتى بولۇپ قالغان. 1773 - يىلى تېمور (1746 - 1793)تەختكە ۋارىسلىق قىلغان ھەمدە پايتەختىنى كابۇلغا يۆتكىگەندىن كېيىن، خاندانلىقنىڭ كۈچى خارابلىشىشقا باشلىغان. 1818 - يىلى باراكزائى مىللىتىنىڭ خەلىپىلىرى ئاخىرقى پادىشاھ ماھمۇدنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، خاندانلىق ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بەرگەن. 1826 - يىلى، دوست مۇھەممەد (1793 - 1863) باراكرائىيلار سۇلالىسىنى قۇرۇپ، ئافغانىستانغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان.