Uyghur←ChineseMain Dictionary
سابور
Domain: دۇنيا يەر - جاي ناملىرى萨博尔
sà bó ěr
Domain: دۇنيا تارىخى萨博尔
sà bó ěr
Sabor نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى. ۋېنگرىيە ھۆكۈمرانلىقىدىكى خورۋاتىسكايا (كرودىيە) پارلامېنتىنىڭ باشقىچە ئاتىلىشى.ⅨⅩ ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرىدا، خورۋاتلار ۋېنگرىيە ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن ئىنتايىن نارازى بولغان، ۋېنگرىيە ھۆكۈمىتى يەرلىك خەلقنىڭ ئىنقىلاب قوزغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، 1868 - يىلى بۇ رايون بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، خورۋاتلارنىڭ ئۆزىنىڭ پارلامېنتى بولغان سابورنى ئورنىتىپ، مەلۇم ئاپتونومىيە ھوقۇقىدىن بەھرىمان بولۇشىغا يول قويغان. ۋېنگرىيە پادىشاھى تەيىنلىگەن خورۋاتلار باش ۋالىيسى مۇستەقىل مەمۇرىي ھوقۇق يۈرگۈزگەن. لېكىن خورۋاتلارنىڭ ۋېنگىرىيەگە بولغان بېقىندىلىق ئورنىنى ئۆزگەرتمىگەن. تاكى 1918 - يىلى ئاۋسترىيە - ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى يىمىرىلگەنگە قەدەر، بۇ رايوندا مىللىي قارىمۇ قارشى كەيپىيات يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.