Lughet
DictionaryUyghurسابور
UyghurMain Dictionary

سابور

دۇنيا تارىخى Sabor نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى. ۋېنگرىيە ھۆكۈمرانلىقىدىكى خورۋاتىسكايا (كرودىيە) پارلامېنتىنىڭ باشقىچە ئاتىلىشى.19 - ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرىدا، خورۋاتلار ۋېنگرىيە ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن ئىنتايىن نارازى بولغان، ۋېنگرىيە ھۆكۈمىتى يەرلىك خەلقنىڭ ئىنقىلاب قوزغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، 1868 - يىلى بۇ رايون بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، خورۋاتلارنىڭ ئۆزىنىڭ پارلامېنتى بولغان سابورنى ئورنىتىپ، مەلۇم ئاپتونومىيە ھوقۇقىدىن بەھرىمان بولۇشىغا يول قويغان. ۋېنگرىيە پادىشاھى تەيىنلىگەن خورۋاتلار باش ۋالىيسى مۇستەقىل مەمۇرىي ھوقۇق يۈرگۈزگەن. لېكىن خورۋاتلارنىڭ ۋېنگىرىيەگە بولغان بېقىندىلىق ئورنىنى ئۆزگەرتمىگەن. تاكى 1918 - يىلى ئاۋسترىيە - ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى يىمىرىلگەنگە قەدەر، بۇ رايوندا مىللىي قارىمۇ قارشى كەيپىيات يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان.
Rate this entry

Same word in other sources

سابورUyghurChineseMain Dictionary

Related words

سابUyghurسابىUyghurساباUyghurسابانUyghurسابچىUyghurساباھUyghur
← Search