UyghurMain Dictionary
رېئاكسىيە
پسىخولوگىيە
(«رېئاكسىيىنىڭ يوشۇرۇن مەزگىلى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ). ئورگانىزم تەسىرىنى قوبۇل قىلىپ جاۋاب قايتۇرغىچە ۋاقىت كېتىدۇ.مۇشۇ جەرياندا سىرتتىن قارىغاندا ئورگانىزمدا ھېچقانداق پائالىيەت يوقتەك كۆرۈنىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس. ئۇ مۇشۇ يوشۇرۇن مەزگىلدە رېتىسىپتۇر تەسىرنى نېرۋا ئىمپۇلىسىغا ئايلاندۇرىدۇ، ئىمپۇلىس مەركەزگە ئىنتىلگۈچى نېرۋا ئارقىلىق چوڭ مېڭە پوستىلىقىدىكى نېرۋا مەركىزىگە يەتكۈزۈلىدۇ. ئۇ نېرۋا مەركىزىدە ئانالىز - سېنتىز قىلىنغاندىن كېيىن مەركەزدىن قاچقۇچى نېرۋا ئارقىلىق ئېففېكتورغا يەتكۈزۈلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن رېئاكسىيە يۈز بېرىدۇ (يەنى تەسىرگە جاۋاب قايتۇرۇلىدۇ). مۇشۇ پائالىيەتكە كەتكەن ۋاقىتنىڭ يىغىندىسى رېئاكسىيە ۋاقتى بولىدۇ.
رېئاكسىيە ۋاقىتنىڭ ئۇزۇن - قىسقىلىقى تۆۋەندىكى ئامىللارغا باغلىق: (1) سەزگۈ ئەزاسىنىڭ تۈرىگە ۋە تەسىرنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ رېئاكسىيە ۋاقتىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. مەسلەن: نۇرنىڭ (يورۇقلۇقنىڭ) 0.18 سېكونت، ئاۋازنىڭ 0.14 سېكونت، تېگىشكە بىلدۈرگەن رېئاكسىيە ۋاقتى 0.14 سېكونت بولىدۇ. (2) تەسىر كۈچىنىڭ دەرىجىسىگە قاراپ رېئاكسىيە ۋاقتى ھەر خىل بولىدۇ. كۈچلۈك نۇرنىڭ 0.162 سېكونت، ئاجىز نۇرنىڭ 0.205 سېكونت. (3) جىسمانىي ۋە پىسخىكىلىق ھالەتكىمۇ باغلىق، مۇددىئا، پىسخىكىلىق تەييارلىق ھالىتى، شەخسنىڭ تېمپىرامېنتى (مىجەزى)، ھۆكۈم قىلىش سەۋىيىسى ۋە دەرىجىسىگىمۇ باغلىق بولىدۇ. مەشقتىن بىر كۈن كېيىن %10 ياكى %30 - %40 ئىلگىرىلىشى مۇمكىن. (4) ئىلگىرىلىشى مۇمكىن. (5) رېئاكسىيىنىڭ مۇررەككەپلىكىگىمۇ باغلىق. ئاددىي رېئاكسىيىسىنىڭ ۋاقتى بىر قەدەر ئۇزۇنراق، تاللاش رېئاكسىيىسىنىڭ ۋاقتى تېخىمۇ ئۇزۇن بولىدۇ. «رېئاكسىيە ۋاقتى» ئۇقۇمنى ئاۋىسترالىيىلىك فىزىئولوگ ئېسنېر ھەممىدىن بالدۇر قوللانغان. (1873) .
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە<لاتىنچە
>خىم< ئىككى ياكى بىر نەچچە خىل ماددا ئوتتۇرىسىدا يۈز بېرىدىغان ئۆزئارا تەسىر، يەنى ماددىلارنىڭ بىرىكىشى، ئاجرىلىشى ۋە شۇ قاتارلىقلار.
خىمىيىلىك رېئاكسىيە. رېئاكسىيىگە كىرمەك.
>خىم< ئاتوم يادروسىنىڭ سىرتقى كۈچ تەسىرىدە ئۆزگىرىش پەيدا قىلىشى.
ئىسسىق يادرو رېئاكسىيىسى.
ئورگانىزملارنىڭ تەن ئىچى ياكى سىرتىدىكى غىدىقلاشقا جاۋابەن كۆرسىتىدىغان ئەكس تەسىرى.
>تېب< ئادەم بەدىنىگە سېلىنغان ئوكۇل ياكى يېگەن دورىنىڭ ئادەم ئورگانىزمىغا بولغان ئەكس تەسىرى.