UyghurMain Dictionary
رىيۇرىك خاندانلىقى
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى رۇس كىنەزلىرىنىڭ فېئودال خاندانلىقى. رۇس دۆلىتىدىكى تۇنجى خاندانلىق. مىلادى Ⅹ ئەسىردە كىيېۋ كىنەزى ئىگور قۇرغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئىگور رىيورىكنىڭ ئوغلى بولغاچقا، شۇنداق دەپ ئاتالغان. Ⅸ ئەسىردىن Ⅺ ئەسىرگىچە دۆلەت قۇدرەت تاپقان. Ⅸ ئەسىردىن كېيىن، فېئوداللىق ئىشەپچقىرىش مۇناسىۋەتلىرى راۋاجلانغانلىقتىن ۋە ھەر قايسى جايلاردىكى ناتۇرال ئىگىلىك ھۆكۈمران ئورۇننى ئىگىلىگەنلىكتىن، كىيېۋ - رۇس كىنەزلىكى 10 نەچچە فېئودال كىنەزلىك (بەگىلىك دەپمۇ ئاتىلىدۇ) كە بۆلۈنۈپ كەتكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە مۇھىملىرى كىيېۋ، چېرىنگوۋ، گالىچ، سىمولىنسىك، پولوتسىك - مىنسىك، تۇرۇۋوپىنسىك، رەيازان، نوۋگورود، ۋلادىمىر ۋە پىسكوۋ قاتارلىق كىنەزىكلەردىن ئىبارەت. رىيورىك خاندالىقى شۇنىڭدىن كېيىن نۇرغۇن تارماقلارغا بۆلۈنگەن، ھەربىر كىنەزلىكتە بىر ھۆكۈمرانلىق تارمىقى بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە مونوماشىچى تارمىقى ئەڭ كۈچلۈك بولغان. موسكۋا كىنەزلىكى ۋە چار پادىشاھى مۇشۇ تارماققا مەنسۇپ ئىدى. ئىۋان Ⅲ دەۋرىدە، بىرلىككە كەلتۈرۈش ئاساسىي جەھەتتىن ئورۇندالغان بولۇپ، روسىيە ھوقۇقى مەركەزلەشكەن فېئوداللىق دۆلەتكە ئايلانغان. رىيۇرىك خاندانلىقىنىڭ ئاخىرقى چار پادىشاھى فېيېدور ئىۋانوۋىچ (1557 - 1598) ئۆلگەندىن كېيىن ۋارىسى بولمىغاچقا، 1613-يىلى ئۇنىڭ ئورنىنى رومانوۋ خاندانلىقى ئىگىلىگەن.