UyghurMain Dictionary
رۇتبە
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
كۆپلۈكى: رۇتەب ئۇنۋان، مەرتىۋە، دەرىجە:
دېمەگىل شەھلەرچە يوقتۇر سۆز ئىلىنىڭ رۇتبەسى،
بولسە مۇشكىل سۆز ئەگەر سەن سەددى ئىسكەندەر دېگىل.
قەلەندەر.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
مەرتىۋە. دەرىجە، ئەمەل، ۋەزىپە، ئىلمىي مەرتىۋە؛ بۈيۈكلۈك، ئۇلۇغلۇق: رۇتبەلىك - مەرتىۋىلىك.