UyghurMain Dictionary
رۇجۇئ
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
قايتىش:
مۇراجىئەت قىلماق؛ يۈكلىمەك. تاپشۇرماق.
1. خەلايىق ئۆيىگە رۇجۇئ ئەيلەدى،
رۇجۇئ ئەيلەمەككە شۇرۇئ ئەيلەدى.
ئا. نىزارى، ن. زىيائى.
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
(ئەرەبچە ر جوغ - قايتىش سۆزىدىن )
شائىر بەزىدە كىشى ياكى نەرسە، ھادىسىنى دەسلەپ خىيالىغا كەلگەن مەلۇم ئوبرازلىق ئىپادىلەر بىلەن تەسۋىرلەپ، ئەينى زاماندا پوئېتىك ئىپادە ۋە ئېستېتىك تەسىرنى كۈچەيتىش نىيىتىدە ئاۋۋالقىدىن كۈچلۈك سۆز - ئوبراز يارىتىدۇ ۋە بۇنى ئىلگىرىكىسىدىن كېچىش ياكى قايتىش يولى بىلەن بېرىدۇ، بۇنداق شەكىل ئەدەبىياتشۇناسلىقتا «رۇجۇئ» دېيىلگەن. مەسىلەن:
بۇ دۇررى نوياپ ۋەفامۇ ئىكەن،
گەر ئول ئەمەس، مېھرى گىيامۇ ئىكەن؟
مېھرى گىيا دېمەككى، ئەنقادۇر ئول،
جەۋھەرى فەردۇ، دۇرى يەكتەدۇر ئول.
(ناۋايى: «مەھبۇبۇل قۇلۇب»)
ئەزىم ئەيلە سەبا ئول گۈلى خەندانىمگە،
نە گۈلكى قۇياشتەك، ماھى تابانىمىگە.
(بابىر)
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
قايتىش؛ ئۆتۈنچ، مۇراجىئەت، ئىلتىماس؛ يۈكلەش، تاپشۇرۇش: رۇجۇئ ئەيلىمەك - قايتماق؛ ئۆتۈنمەك؛ يۈكلىمەك، تاپشۇرماق.