UyghurMain Dictionary
روتشتېيىن
دۇنيا تارىخى
(1871 - 1953) سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىلىق تارىخشۇناس، ئىجتىمائىي ئەرباب 1890 - 1920-يىللىرى ئەنگلىيىدە مۇھاجىر بولۇپ تۇرغان. بۇ مەزگىلدە شۇ جايدىكى ئىشچىلار ھەرىكىتى ۋە ئەنگلىيە كومپارتىيىسىنى قۇرۇش پائالىيىتىگە قاتناشقان. ۋەتىنىگە قايتىپ كلگەندىن كېيىن ئۇزاق ۋاقىت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىدە خىزمەت قىلىپ، ئىراندا تۇرۇشلۇق تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىل، تاشقى ئىشلار خەلق كومىسسارىياتىنىڭ ھەيئىتى بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىلمىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ دۇنيا ئىقتىسادىي ۋە دۇنيا سىياسىي تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇدىرلىقىغا تەيىنلەنگەن، 1939-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى بولغان. ئاساسەن ئەنگلىيە، گېرمانىيە ئىككى دۆلەتنىڭ تارىخىنى، كاپىتالىستىك دۆلەتلەرنىڭ مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتىنى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت تارىخىنى تەتقىق قىلىش بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇنىڭ <ئەنگلىيە ئىشچىلار ھەرىكىتى تارىخىي تېزىسى>، <ئىككى قېتىملىق پرۇسسىيە ئۇرۇشى>، <ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى خەلقئارا مۇناسىۋەت> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.