UyghurMain Dictionary
روبېسون
دۇنيا تارىخى
(1898 - 1976) ئامېرىكىلىق ئەرلەر تۆۋەن ئاۋازلىق نېگىر ناخشىچى، ئارتىس ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتچى. نېگىر قاچقۇن قۇلدىن كېلىپ چىققان پوپ ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1923-يىلى كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن، ئىككىنچى يىلى ئارتىس بولغان. 1925-يىلدىن باشلاپ ئېيتىش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان. <ئوتېللو> ئوپېراسى ۋە <مەغرۇر جىلغا> قاتارلىق كىنولاردا باش رول ئالغان. ئەنگلىيە، سوۋېت ئىتتىپاقى قاتارلىق دۆلەتلەرگە بېرىپ ئويۇن قويغان. جاھانگىرلارنىڭ ئىرقىي زۇلمىغا قارشى تۇرۇش قاتارلىق تەرەققىيپەرۋەر ھەرىكەتلەرگە پائال قاتناشقان. جۇڭگو ئىنقىلابىغا ھېسداشلىق قىلغان ۋە ئۇنى قوللىغان. 1952-يىلى <دۇنيا تىنچلىقىنى كۈچەيتىش> ستالىن خەلقئارا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلىقتىن، 1958-يىلى ئەنگلىيىگە كۆچۈپ ئولتۇراقلاشقان. 1963-يىلى ئامېرىكىغا قايتىپ كەلگەن. <مەن مۇشۇ جايدا تۇرىمەن> دېگەن ئەسىرىدە سوتسىيالىزمغا بولغان قەتئىي ئىشەنچىسىنى ئىپادىلىگەن.