Uyghur←ChineseMain Dictionary
روسىيىنى ئېلېكترلەشتۈرۈش پىلانى
دۇنيا تارىخى
俄罗斯国家电气化计划
é luó sī guó jiā diàn qì huà jì huà
سوۋېت دۆلىتىنىڭ ئېلېكترلەشتۈرۈش ئاساسىدا خەلق ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى تۇنجى ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلانى. 1920-يىلى لېنىننىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن روسىيىنى ئېلېكترلەشتۈرۈش كومىتېتى تەرىپىدىن تۈزۈپ چىقىلغان. سەككىزىنچى نۆۋەتلىك پۈتۈن روسىيە سوۋېتى ۋەكىلىرى قۇرۇلتىيىدا ماقۇللانغان. لېنىن ئۇنى <پارتىيىنىڭ ئىككىنچى پروگراممىسى> (ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش پروگراممىسى) دەپ ئاتىغان ھەمدە <سوۋېت ھاكىمىتىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتنى ئېلېكترلەشتۈرۈشنىڭ ئۆزى كوممۇنىزمدۇر> دېگەن مەشھۇر فورمۇلىنى ئوتتۇرىغا قويغان. پىلان مۇددىتى 10 يىلدىن 51 يىلغىچە بولغان، نۇقتىلىق ھالدا 20 ئوت كۈچى ئېلېكتر ئىستانسىسى، 10 سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇش، توك چىقىىش ئىقتىدارىنى 1 مىليون 500 مىڭ كىلوۋاتقا يەتكۈزۈش پىلانلانغان. سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىنى 1913-يىلغا قارىغاندا 80% تىن 100% كىچە يۇقىرى كۆتۈرۈشنى ھەمە خىلمۇخىل تەدبىرلەرنى ئىشقا سېلىپ، ماشىنىلاشقان كوللېكتىپ يېزا ئىگىلىكىنى بەپا قىلىش ئۈچۈن شەرت ھازىرلاشنى بەلگىلىگەن. كېيىن بۇ پىلان مۇددەتتىن بۇرۇن ئورۇندالغان. 1935-يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە 40 ئورۇندا ئورۇندالغان. 1935-يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە 40 ئورۇندا ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇلۇپ، ئومۇمىي توك چىقىرىش ئىقتىدارى ئىلگىرىكى پىلاندىن ئىككى ھەسسە ئېشىپ كەتكەن.