Uyghur←ChineseMain Dictionary
روسىيىنىڭ 1861-يىلىدىكى ئىسلاھاتى
دۇنيا تارىخى
俄国一八六一年改革
é guó yī bā liù yī nián gǎi gé
روسىيىنىڭ يانچىلىق تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئىسلاھاتى ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە روسىيىدىكى يانچىلىق تۈزۈم كاپىتالىزمنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ئېغىر دەرىجىدە توسقۇنلۇق قىلغان، قىرىم ئۇرۇشى يانچىلىق تۈزۈمىنىڭ كرىزىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتكەن. دېھقانلار ھەرىكىتى كۈنساناپ يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلگەن. ئلېكساندر Ⅱ ھۆكۈمىتى <دېھقانلارنى يانچىلىق بېقىندا مۇناسىۋەتلىك خالاس قىلىش ھەققىدىكى 1861-يىل 2-ئاينىڭ 19-كۈنىدىكى پەرمان> نى جاكارلاشقا مەجبۇر بولغان. بۇنىڭدا، دېھقانلارنىڭ كىشىلىك ئەركىنلىكى بولۇشى، پومېشچىكلارنىڭ يانچىلارنى سېتىشىغا ياكى سوۋغا قىلىشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقى، يانچىلارنىڭ ئۆز مۈلكىنى بىر تەرەپ قىلىش، ئەرز قىلىش ۋە سودا - سانائەت بىلەن شۇغۇللىنىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى؛ يەرلەر يەنىلا پومېشچىكلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بولىدىغانلىقى، يانچىلار كىشىلىك ئەركىنلىكىگە ۋە يەرگە ئېرىشمەكچى بولسا جەزمەن مىقداردا پۇل تۆلىشى لازىملىقى بەلگىلەنگەن. يەرلەرنىڭ چېگرىسىنى بېكىتىش ۋاقتىدا پومېشچىكلار دېھقانلارنىڭ بۇرۇنقى يەرلىرىنىڭ 2/5 قىسمىغىچە تارتىۋالغان (كېسىپ ئالغان) ھەمدە ناچار يەرلەرنى دېھقانلارغا بۆلۈپ بەرگەن. ئىسلاھاتتىن كېيىنكى دېھقانلارنى باشقۇرۇش ئۈچۈن، يەرلىك ئاقسۆڭەكلەرنىڭ تىزەىنلىشىدىكى يېزا جامائەسى ۋە يېزا تەشكىلاتلىرى قۇرۇلغان، شۇنداقلا دېھقانلارنى نازارەت قىلىدىغان ئومۇمىي كېپىللىك تۈزۈمى ئورنىتىلغان. بۇ قېتىمقى ئىسلاھات پومېشچىكلار سىنىپىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداپ، يانچىلىق تۈزۈمىنىڭ قالدۇقلىرىنى خېلى دەرىجىدە ساقلاپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما، كاپىتالىزمنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن شەرت يارىتىپ بەرگەن.