UyghurMain Dictionary
روسارىئو
بىئولوگىيە
ئارگېنتىنانىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى، مۇھىم سانائەت مەركىزى. بۇ شەھەر پارانا دەرياسىنىڭ قۇيۇلۇش ئېغىزىدىن 300 كىلومېتىر يۇقىرىدىكى دەريا بويىغا جايلاشقان، شەھەر دېڭىزدىن 300 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئىچكى قۇرۇقلۇققا جايلاشقان بولسىمۇ، لېكىن 10 مىڭ توننىلىق كۆتۈرۈش كۈچىگە ئىگە ئوكيان پاراخوتلىرى دەريا بويى بويلاپ بىۋاسىتە شەھەر رايونىغا كىرەلەيدۇ. ئاھالىسى 800 مىڭدىن ئاشىدۇ. روسارىئو شەھىرى تاشيول، تۆمۈريوللار ئارقىلىق دۆلەتنىڭ باشقا چوڭ شەھەرلىرى بىلەن باغلىنىپ تۇرىدۇ. شەھەر ئەتراپىنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى تەرەققىي قىلغان. شەھەردە ھەر خىل يېمەكلىكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش، تراكتور ئىشلەپچىقىرىش، نېفىت ئايرىش، خىمىيە، تېرە - خۇرۇم، قەغەز ئىشلەش قاتارلىق سانائەت تارماقلىرى تەرەققىي قىلغان.