Uyghur←ChineseMain Dictionary
رومىنىيە مىللىي پارتىيىسى
دۇنيا تارىخى
罗马尼亚民族党
luó mǎ ní yà mín zú dǎng
ترانسىلۋانىيىدىكى رومىنىيە مىللىي بۇرژۇئازىيىسىنىڭ مىللەتپەرۋەر پارتىيىسى. 1881-يىلى قۇرۇلغان. ئۇنىڭ تەكتى 1869-يىلى قۇرۇلغان بانات ۋە ۋېنگرىيىدىكى رومىنىيە مىللىي پارتىيىسى ھەم ترانسىلۋانىيىدىكى رومىنىيە مىللىي پارتىيىسى ئىدى. ۋېنگرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي زۇلۇمغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئىككى پارتىيە بىرلەشكەن. ئۇنىڭ پروگراممىسى ترانسىلۋانىيە ئاپتونومىيىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلىش، مەمۇرىي، ئەدلىيە ئورگانلىرىدا رومىنىيە تىلىنى ئەركىن ئىشلىتىش ھوقۇقى بولۇش، مىللىي قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش، سايلام ھوقۇقىنى كېڭەيتىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. بۇ پارتىيە ۋېنا ئوردىسىغا مېموراندۇم سونۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق پروگراممىنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشىنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولغان. 1892-يىلىدىكى مېموراندۇم ھەرىكىتىدە مۇھىم رول ئوينىغان.