Uyghur←ChineseMain Dictionary
رومىنىيە ئىشچىلىرىنىڭ ئۆكتەبر ئومۇمىي ئىش تاشلىشى
دۇنيا تارىخى
罗马尼亚十月工人总罢工
luó mǎ ní yà shí yuè gōng rén zǒng bà gōng
رومىنىيىدىكى ئىشچىلار، خىزمەتچىلەر ۋە زىيالىيلارنىڭ ئاۋېرېسكۇ ھۆكۈمىتىنىڭ ئەكسىيەتچىل سىياىتىگە قارشى كۈرىشى. 1920-يىلى 3 - 10-ئايلاردا مەملىكەت بويىچە 345 قېتىم ئىش تاشلاش ئېلىپ بېرىلغان. 10-ئاينىڭ 11-كۈنى، كەڭ ئىشچىلارنىڭ تەلىپى ئارقىسىدا سوتسىيالىستلار پارتىيىسى باش كومىتېتى ھۆكۈمەتكە مېموراندۇم سۇنۇپ، خەلقىنىڭ ئۇيۇشۇپ ھوقۇقىغا ھۈرمەت قىلىشنى، ئىشچىلار ۋەكىللىرى ۋە ئىشچىلار كومىتېتىنى ئېتىراپ قىلىشنى، زاۋۇتلاردىن قوشۇنلارنى ئېلىپ چىقىپ كېىتشنى، ئىش تاشلاشقا قارشى قانۇننى يولغا قويۇشنى توختىتىشنى، ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈش ۋە كىتاب - ژۇرناللارنى تەكشۈرۈشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى، ئىش ھەققىنى، ئىش ھەققىنى ئۆستۈرۈشنى، 8 سائەتلىك ئىش تۈزۈمىگە رىئايە قىلىشنى تەلەپ قىلغان. لېكىن تەلەپ ھۆكۈمەتنىڭ رەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان. لېكىن تەلەپ ھۆكۈمەتنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان. 20-ئۆكتەبردە ئومۇمىي ئىش تاشلاش پارتلاپ، 200 مىڭدىن ئارتۇق ئىشچى قاتنىشىپ، سانائەت، نەقىليات، پوچتا - تېلگېراف ئىشلىرىنى پالەچ ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويغان، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىقتىادىي تۇرمۇش، بىر مەھەل توختاپ قالغان. 11-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىرى قانۇنغا مۇناسىپ تاكتىكا قوللىنىشى لازىم دەپ كۈرەشكە كۈچ چىقارمىغانلىقتىن، ئىش تاشلاش ھۆكۈمەت تەرىپىدىنباستۇرۇۋېتىلگەن.