UyghurMain Dictionary
رودزيانكو
دۇنيا تارىخى
(1859 - 1924) روسىيىلىك سىياسەتۋاز. يېكاتېرىنوسلاۋ ئوبلاستىلىق چوڭ پومېشچىك. ئۆكتەبرچىلەرنىڭ باشلىقلىرىدىن بىرى. ئۈچىنچى، تۆتىنچى نۆۋەتلىك دۆلەت دوماسىنىڭ ۋەكىلى، 1911-يىلدىن باشلاپ ئۇنىڭ رەئىسى بولغان. فېۋرال ئىنقىلابىدىن كېيى دۆلەت دوماسى ۋاقىتلىق كومىتېتىنى تەشكىل قىلىپ، پادىشاھلىق تۈزۈمىنى ساقلاپ قېلىشقا ئۇرۇنغان. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن جەنۇبىي روسىيىگە قېچىپ كېتىپ، دېنىكىن رەھبەرلىكىدىكى ئاق گۋاردىيىگە قاتناشقان. ئىچكى ئۇرۇشتىن كېيىن چەت ئەلگە قېچىپ كېتىپ، يۇگوسلاۋىيىدە ئۆلۈپ كەتكەن.