UyghurMain Dictionary
رودۇپاي
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پارىسچە
ئى. ئەپسانىلەردە ئېيتىلىشىچە، پۇتى ئۈچەيگە ئوخشايدىغان، كىشىلەرگە ھاپاش بولۇۋالسا ئاجراتقىلى بولمايدىغان سۆڭەكسىز بىر مەخلۇق.
رودۇپاي كالتەكتىن قورقىدۇ (ماقال).
سۈپ. كۆچمە. ئاسان قۇتۇلغىلى بولمايدىغان، چېكىدىن ئاشقان ئۇششۇق، توخۇ پوقى.
- نېمانچە رودۇپاي نېمە سىز؟! ئادەممۇ شۇنداق بىزەڭ بولامدۇ؟! - دېدى ئۇ غەزەپ بىلەن.