UyghurMain Dictionary
رەت
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
قاتار تەرتىپ
رەت نۇمۇرى.* رەتكە تۇرماق.* رەت ئۆز ئورنىنى تاپىدۇ ( ماقال ).
ئاھاڭداش سۆزلەر
( « قىلماق » بىلەن پېئللىشىدۇ ) باش تارتماق، قوبۇل قىلماسلىق، ئىنكار قىلىش، ماقۇل كۆرمەسلىك.
ئۇنىڭ نامۇۋاپىق تەلىپى رەت قىلىندى.* بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك مۇدىرىيىتىدە بەش دائىمىي مۇدىرىيەت ئەزاسىدا رەت قىلىش ھوقۇقى بار.
ئاھاڭداش سۆزلەر
مىقدار سۆز.
قېتىم، دورام.
ياخشىلىق قىلغانىكەن كىم ساڭا بىر رەت،
يادىڭدىن چىقارما ، ئۇنى ئەبەت.
* * *
كىم ياردار بولسا يىلان ئىنىدىن،
ئىككىنىچى رەت ئۆتمەس ئۇنىڭ يېنىدىن.
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
يالىڭاچ، يالاڭۋاش؛ قۇرۇق.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
يالىڭاچ، يالاڭباش؛ قۇرۇق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مىقدار سۆز: ھەرىكەتنىڭ بىرلىكلىرى.
رەت ئورنىنى تاپىدۇ. ئەقىللىق ئادەم بىر تاشقا ئىككى قېتىم پۇتلاشمايدۇ. مەرتەم، مەرتەم _ ئۈچ مەرتەم. كۆپ ئىش قىلىشنىڭ يولى _ ھەر سەپەردە بىرلا ئىشنى قىلىش. ھەر قانداق كىتابنى بىر قۇر ئوقۇپ باقماق زىيانلىق ئەمەس. نەچچە نۆۋەت مەغلۇپ بولساڭمۇ، ئىشىڭ ھەق بولسا ئۇتىسەن.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
دەپتەردە ئوبدان شېئىر تارتمايدىكەن سەپ، ئۇ دۇردانىدىن خالىي پۈچەك سەدەپ. دۇتار تارىسى ساتاردا يوق، بىلىمسىز كىشى قاتاردا يوق. قاتاردىن قالغۇچە، خاتادىن قال. ئالدىنقى رەت تىياتىردا، كەينىدىكى رەت كىنودا ئەتىۋارلىق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئىنكار، رەددىيە؛ قوبۇل قىلماسلىق، باش تارتىش.
رەت قىلماق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
روسچە
ئى. رەتلىك تىزىلغان قۇر، قاتار، سەپ.
كىشىلەر خۇددى قايتىدىن ناماز ئوقۇلىدىغاندەك، رەتلىرىنى بۇزۇشماي، ئالدىغا قاراپ دىققەت بىلەن تۇرۇشاتتى.
ئى. تەرتىپ، نۆۋەت.
نەسىھەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن كىشىلەر رەت بويىچە پەردىشەپ ئاستىدىن ئۆتۈشكە باشلىدى.
مىق. قېتىم، مەرتەم.
مەن ئۈستەل سائىتىنى بىر نەچچە رەت قولۇمغا تۇتۇپ تىڭشاپمۇ باقتىم.
ئى <گېئول> بوشلۇق كاتەكچىسىدىكى بىر تۈز سىزىق ئۈستىدە بىر - بىرىگە ئۇلىنىش ئارقىلىق تىزىلغان تۈگۈنلەردىن ھاسىل بولغان گېئولوگىيىلىك شەكىل.