UyghurMain Dictionary
رەپتار
مەنىداش سۆزلۈكلەر
چىراي ئاسان ئۆزگىرەر، شەپقەت مەڭگۈ ساقلىغار. چىراي كۆيدۈرەر، خۇلق سۆيدۈرەر. چىراي كۆرۈپ ھال سورا. چىرايىغا چاي قۇيۇپ ئىچكىلى بولماس. ئادەم كۆركى يۈز، يۈز كۆركى كۆز. بېتى ئەدەب كۆرمىگەن، كۆتى تەرەت. دەم غەنىيمەت، دىدار غەنىيمەت. شاھزادە مەلىكىنىڭ رۇخسارىنى بىر كۆرۈپلا ئاشىقىي بىقارار بوپتۇ. تەرى ياماننىڭ مېھرى يامان. دېڭىزنى كوزىدا ئۆلچىگىلى بولماس، ئادەمنى ئەپتىدىن بىلىپ بولماس. بەشرىسى سەتنىڭ قىلىقى يامان بولۇشى ناتايىن. ئوسماننىڭ قىزىنىڭ ئۆڭى بار. ئەينەككە قارىغانغا ھۆسىن قېتىلماس. مەرتىۋە ئادەمگە ھۆسىن قوشمايدۇ، ئادەم مەرتىۋىگە ھۆسىن قوشىدۇ. ئۆمۈر ئۆتەر، ھۆسىن ئۆچەر. چېھرە ئۆزگىرەر، شەپقەت سزاقلىنار. سۆز كۆركى ماقال، ئەر كۆركى ساقال. سەمىمىي سىرتقى قىياپەت نۇرغۇن كەمچىلىكنى يېپىپ تۇرىدۇ. ئالەمدە ھەر كۈندە بار زاۋال، ئەبەدىي قالمايدۇ بۇ ھۆسىن _ جامال.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
ۋەزىيەت، ئەھۋال، ھالەت؛ پەيل، ئەلپاز.
رەپتارىغا باقماق.
ـ ھەي تاڭەي، بۇ جاھاننىڭ رەپتارىنى بىلىپ بولمايدۇ... - دېدى ئۇ.
Rate this entry