UyghurMain Dictionary
رەڭ سەزگۈسى
پسىخولوگىيە
كۆرۈش سەزگۈسىنى ھاسىل قىلىدىغان فىزىك سەۋەب - يورۇقلۇق، بۇ ئېلېكترو ماگىنىت دولقۇلىرىدىن ئىبارەت. بۇ دولقۇنلارنىڭ ئۇزۇنلۇقى ھەر خىل بولۇپ، ۋاقىت بىرلىكى ئىچىدە تەۋرىنىش تېزلىكى (چاستوتىسى) مۇ ھەر خىل بولىدۇ.
يورۇقلۇق دولقۇنلىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى مىللىمىكرون (مىللىمېتىرنىڭ مىليوندىن بىر بۆلىكى) بىلەن ئۆلچەيدۇ، ئادەمنىڭ كۆزى سېزىدىغان رەڭلەر تەخمىنەن 380 مىللىمىكرندىن 780 مىللىمىكرونغىچە ئۇزۇنلۇقتىكى دولقۇنلاردا ھاسىل بولىدۇ. يورۇقلۇق دولقۇنلىرىنىڭ تەۋرىنىش تېزلىكى (چاستوتىسى) بۇ دولقۇنلارنىڭ سېكۇنتىغا نەچچە بىللىئون مەرتىۋە تەۋرىنىشگە قاراپ ئۆلچىنىدۇ، ئەڭ ئۇزۇن دولقۇنلار (ئۇزۇنلۇقى 780 مىللىمىكرون بولۇپ، سېكۇنتىغا 450 بىللىئون مەرتىۋە تەۋرىنىدىغان دولقۇنلار) قىزىل رەڭ سەزگۈسىنى ھاسىل قىلىدۇ،ئەڭ قىسقا دولقۇنلار ( ئۇزۇنلۇقى 380 مىللىمىكرون بولۇپ، سېكونتىغا 750 بىللىئون مەرتىۋە تەۋرىنىدىغان دولقۇنلار) سۆسۈن رەڭ سەزگۈسىنى ھاسىل قىلىدۇ، كىشىنىڭ كۆزى تەخمىنەن 150 خىلدىن ئارتۇق رەڭنى پەرق ئېتەلەيدۇ. لېكىن مۇھىمى، دولقۇن ئۇزۇنلۇقى 610- 780 مىللىمىكرون بولغاندا قىزىل رەڭ، 590 - 600 مىللىمىكرون بولغاندا قىزغۇچ سېرىق رەڭ، 575 - 590 مىللىمىكرون بولغاندا سېرىق رەڭ، 510 - 560 مىللىمىكرون بولغاندا يېشىل رەڭ،470 - 480 مىللىمىكرون بولغاندا ھاۋا رەڭ، 450 - 470 مىللىمىكرون بولغاندا كۆك رەڭ، 380 - 450 مىللىمىكرون بولغاندا سۆسۈن رەڭ سېزىلىدۇ.
يورۇقلۇق دولقۇنلىرىنىڭ ھەر خىل قوشۇلۇشى ۋە ھەر خىل تەسىر كۆرسىتىشى ئومۇمىي رەڭ تونىغا، سېزىلىدىغان رەڭلەرنىڭ ئوچۇقلۇق ۋە توقلۇق دەرىجىسىگە تەسىر قىلىدۇ، بارلىق خروماتىك رەڭلەر شۇ خۇسۇسىيەتلىرىگە قاراپ پەرقلىنىدۇ. ئاخروماتىك رەڭلەر پەقەت ئوچۇقلۇق دەرىجىسى بىلەن بىر - بىرىدىن پەرق قىلىدۇ.