UyghurMain Dictionary
رەڭدار
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
رەڭ بېرىلگەن، ھەرخىل رەڭدىكى. رەڭلىك تېلېۋىزور
رەڭسىز
رەڭ بېرىلمىگەن، رېڭى يوق. رەڭسىز تېلېۋىزور
رەڭسىز تېلېۋىزورۇمنى رەڭلىك تېلېۋىزورغا ئالماشتۇردۇم. شۇ كۈنلەردە قىزلار رەڭدار كىيىملەرگە بېرىلىپ كەتكەنىدى. بايرام كۈنلىرى ئىدارىمىزنىڭ دەرۋازىسى ئۈستىگە رەڭگارەڭ لامپۇچكىلار بېكىتىلگەنىدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
پارىسچە
بىرەر رەڭدە بويالغان؛ رەڭلىك.
رەڭدار قەغەز.
كۆچمە. گۈزەل، چىرايلىق.
ئارتىسلار بولسا، سۇ بويلىرىدا يۈگۈرۈپ يۈرۈپ رەڭدار گۈللەردىن تۇتام - تۇتام دەستىلەر تىزماقتا.