Chinese→UyghurMain Dictionary
人权法案
قانۇن
rén quán fǎ àn
كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھىسى
دۇنيا تارىخى
كىشىلىك ھوقۇقى قانۇن لايىھىسى
ئامىرىكا ئاساسىي قانۇنىنىڭ ئالدىنقى 10 ماددىسىنى تولۇقلاش يۈزىسىدىن چىقىرىلغان تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھىسى. 1787 - يىلدىكى ئاساسىي قانۇن لايىھىسىدە خەلقنىڭ دېموكراتىيە ھوقۇقى تارايتىلغان، ئاساسىي قانۇن لايىھىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، خەلق قوزغىلىپ ئېتىراز بىلدۈرگەن. جىففېرسون قاتارلىق دېموكراتلار ئاساسىي قانۇندا كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش مەزمونىنىڭ بولۇشىنى كۈچىنىڭ بارىچە تەشەببۇس قىلغان. 1789 - يىلدىكى دۆلەت مەجلىسىدە كىشىلىك ھوقۇقى قانۇن لايىھىسى ماقۇللانغان. بىرىنچى ماددىسىدا ھاكىمىيەت بىلەن دىننى ئايرىش كېرەك، خەلق ئېتىقاد، سۆز - پىكىر قىلىش، نەشىر قىلش ئەركىنلىكىگە ئىگە دەپ ئېلان قىلىنغان. ئىككىنچى ماددسىدا ھەرقايسى شتاتلار خەلق ئەسكەرلىرىنى ساقلاپ قالسا بولىدۇ، خەلق قورال ئېلىپ يۈرۈشكە ھوقۇقلۇق دەپ ئېتىراپ قىلىنغان. ئۈچىنچى ماددىسىدا تۇرۇشلۇق ئارمىيىنىڭ ھەممىسى تولۇق رەسمىيەت ئۆتىشى شەرت دەپ بەلگىلەنگەن. باشقا ماددىلاردا جىسمانىي جەھەتتىن ۋە مال - مۈلۈككە چېقىلماسلىققا كاپالەتلىك قىلىش؛ قانۇننى خالىغانچە ئۆزگەرتمەسلىك؛ ھەرقايسى شتاتلار ئاپتونومىيە ھوقۇقىدىن بەھرىمان بولۇش قاتارلىقلار بەلگىلەنگەن. قانۇن لايىھىسى خەلقنى مەلۇم دەرىجىدە دېموكراتىيە ھوقۇقىغا ئىگە قىلغان، بىراق نېگىرلار ۋە ئىندىئانلارنى بۇنىڭ سىرتىدا قالدۇرغان.