Chinese→UyghurMain Dictionary
人权和公民权社
دۇنيا تارىخى
كىشىلىك ھوقۇقى ۋە پۇقرالىق ھوقۇقى جەمئىيىتى
فرانسىيە ئىيۇل سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئۇششاق بۇرژۇئازىيە تەشكىلاتى. 1832 - يىلى 6 - ئايدا <خەلق دوستىلىرى جەمئىيىتى> ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن قۇرۇلغان. بۇ تەشكىلات 1793 - يىلىدىكى <كىشىلىك ھوقۇقى ۋە پۇقرالىق ھوقۇقى خىتابنامىسى> نى پروگرامما قىلىپ، چوڭ ئىنقىلاپ ۋاقتىدىكى نۇرغۇنلىغان ياكوبىنچىلارنى ۋە گروندىچىلارنى قوبۇل قىلىپ، بىرقەدەر پۇختا تەشكىلىي سېستىمىنى بەرپا قىلىغان ھەمدە باشقا ئۆلكىلەردە شۆبە تەسىس قىلغان. بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرى 1834 - يىلى 4 - ئايدىكى لېئان ئىشچىلار قوزغىلىڭىغا قاتناشقان. باستۇرۇلغاندىن كېيىن بۇ جەمئىيەت ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ ئەزالىرىنىڭ كۆپ قىسمى قولغا ئېلىنغان.