UyghurMain Dictionary
راۋاج
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
راۋاج، تەرەققىياتى دەپ ئىشلىتىلىدۇ. ئېپىك ئەسەرلەرنىڭ سۇژېتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. بۇ، سۇژېتتا ھەجمى ئەڭ ئۇزۇن، ئۆزگىرىشى ئەڭ كۆپ، ۋەقەلىكىنى يۇقىرى دولقىنغا (كۇلىمىناتىسىيىگە) كۆتۈرۈشكە ئاساس سالغۇچى قىسىم ھېسابلىنىدۇ. ئەسەرنىڭ باش تېما ئىدىيىسى ۋە پېرسوناژلار خاراكتېرى، دەل مۇشۇ سۇژېت راۋاجى باسقۇچىدا پەيدىنپەي ئوتتۇرىغا چىقىدۇ ۋە مۇئەييەنلىشىدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىر ھالەتتىن تېخىمۇ يۇقىرى ھالەتكە ئۆسۈش، كۆتۈرۈلۈش، مۇۋەپپەقىيەت.
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى قەدىمكى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ داۋامى ۋە راۋاجى. روناق ياخشىغا ئورتاق. تەرەققىيات تەردىن كېلىدۇ. شىنجاڭنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدا زور تەرەققىياتلار بولدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
بىرەر ھالەتتىن ئىككىنچى بىر يۇقىرى ياكى يۈكسەلگەن ھالەتكە ئۆتۈش؛ تەرەققىيات، ئۇلغىيىش.
راۋاج تاپماق.