UyghurMain Dictionary
راۋا
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يول قويۇلغان، ماقال كۆرۈلگەن.
ئىلىم پەن يېتىش مۇمكىن بۇرادەر، زەررىلەردىن چىقىپ قۇياشقا قەدەر. مۇمكىنمۇ چىۋىننى قىلىچتا چاپماق، شىر قانداق پاشىغا ئۇرسۇن شاپىلاق. دۈشمەننى بىلىپ تۇرۇپ قويۇۋېتىش جايىز ئەمەس. ئەگەر قانخور ياۋ بىلەن قىلساڭ جەڭ، راۋادۇر قانچە كۆپ قېنىنى تۆكسەڭ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
پارىسچە
بىرەر ئىشقا، مەسىلىگە قارىتا يول قويۇلۇشى مۇمكىن بولغان؛ ئورۇنلۇق، توغرا.
راۋا بولماق.
مۇناسىپ، لايىق، ماس.
راۋا كۆرمەك.
كۆچمە. تەئەللۇق، تەۋە، مەنسۇپ، خاس.
شەرىئەت ھۆكمى بويىچە خوتۇنۇڭ ئەمدى ساڭا راۋا ئەمەس!