UyghurMain Dictionary
قىزىماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىسسىقنىڭ تەپتى ئۆتمەك.
ئاسان قىزىيدىغان نەرسە ئاسان سوۋۇيدۇ. ئىسسىساڭ ئېسىڭنى يوقاتما، سوۋۇساڭ، خۇدىڭنى ساقلا.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ھارارىتى ئۆرلىمەك، ئىسسىق - قىزىق ھالەتكە كەلمەك.
سوۋۇماق
ھارارىتى چۈشمەك، سوغۇق ھالەتكە كەلمەك.
ئولتۇرۇۋەرسەڭ، تاشمۇ ئىسسىيدۇ. كۆيۈپ - پىشساڭمۇ سۇيۇقئاش تېز سوۋۇماس. ئوت قالىساڭ قىزىيدۇ، سۇ چاچساڭ سوۋۇيدۇ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئىسسىقنىڭ تەسىرى ئۆتۈپ، ئىسسىق ھېس قىلماق. ئىسسىپ كەتمەك، ئىسسىپ قالماق، قىزىپ كەتمەك
توڭلىماق، مۇزلىماق
سوغۇقنىڭ تەسىرى ئۆتۈپ، سوغۇق ھېس قىلماق. توڭلاپ كەتمەك، توڭلاپ قالماق، مۇزلاپ كەتمەك
توخۇ توڭلىغانسېرى دەرەخنىڭ ئۇچىغا چىقار. ئاپتاپتا بىردەم ئولتۇرغانىكەن، ئىسسىپتۇ. بالىنى ئاپتاپتا قويما، قىزىپ كېتىدۇ، دېدى ئانا. مۇزلىغاندا مۇز كالتەك يەپتۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
تېمپېراتۇرىسى، ھارارىتى ئۆرلىمەك؛ ئىسسىماق.
تۆمۈر قىزىدى. دەزمال قىزىدى. ياغ قىزىدى.
كۆچمە. قىزىماق، قىزىقىش پەيدا بولماق.
كۈنلەر ئۆتۈپ يۈرىكىم ئۇنىڭغا قىزىپ قالدى.
كۆچمە. جىددىي تۈس ئالماق؛ ئەۋجىگە كۆتۈرۈلمەك، جانلانماق.
جەڭ قىزىماق.
كۆچمە. جىددىيلەشمەك؛ خاپا بولماق؛ ئاچچىقلانماق.
سادىر ئاخۇن سۆزلىگەنسېرى تىللاخان قىزىپ نېرۋىسى ئۆرلەپ، جىلە بولماقتا ئىدى.