UyghurMain Dictionary
قىس
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
قىسماق، قىسىش. 1 . تاقىماق، قادىماق.
گۈلۈڭ باردا گۈلۈڭنى قىس، گۈلۈڭ توزىغاندا كۆتڭنى قىس (ماقال) .
2 . ياپراق، پۈرمەك. قوشناڭ قارىغۇ بولسا، كۆزۈڭنى قىس (ماقال) . ئۇ كۆزىنى قىسىپ قويۇپ: «مەن سېنى ياخشى كۆرمەيمەن» دېدى.
3 . قورۇماق، يېچىۋالماق. ئۆتۈكىنىڭ قەيەرنى قىسقانلىقىنى كىيىگەن بىلىدۇ (ماقال) . * ئىشىك قولۇمنى قىسىۋالدى. * ئۇ مېنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قىستى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
1 . كەمچىل، يېتىشمەسلىك.
بىر ۋاقىتىلاردا سەرەڭگىمۇ قىس بولۇپ كەتكەنىدى. * بۇ يىل ئوغۇت قىس بولۇپ قالدى.
2 . زىچ، ئالداش . ۋاقتىم قىس، تېز كىلىڭلار. * ۋاقتىم قىس بارالمايمەن.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ۋاقىت جىددىي ھالەت.
ۋاقتىم قىس، ئويۇنغا چولام يوق. مۇشۇ كۈنلەردە ئىش تولا، ۋاقتىم بەك زىق.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
سايلىماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئېھتياجىدىن ئاز، يېتىشمەيدىغان، كەملىك قىلىدىغان.
بۇنداق قىس نەرسىلەرنى ئاسان تاپقىلى بولمايدۇ.
زىچ، ئالدىراش.
ئۇنىڭ ۋاقتى ناھايىتى قىس بولۇپ، قولى قولىغا تەگمەي يۈرەتتى.