UyghurMain Dictionary
قۇۋۋەتلىك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كۈچ - قۇۋۋەت تولۇق، قۇدرىتى بار.
ئىت ئىگىسى بىلەن كۈچلۈك. كۈچلۈك بىلەن تارتىشما، ئەقىللىق بىلەن ئېيتىشما. كۈچلۈكنىڭ ھەممىسىلا باتۇر بولماس. ئىتتىپاق بولغان قۇۋۋەتلىك بولار. قۇدرەتلىك كىشى گۇناھلىق بولماس. زامان زورنىڭ، تاماشا كورنىڭ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
كۈچ - قۇۋۋەت تولۇپ تۇرغان، كۈچ - قۇدرىتى تولۇق.
كۈچسىز، قۇۋۋەتسىز، مادارسىز، ماغدۇرسىز
كۈچ - قۇۋۋەت كەتكەن، كۈچ - مادارىدىن ئايرىلغان.
كۈچلۈكلەرنىڭ ئالدىدا توشقان بىلەن بىردەكسىز، كۈچسىزلەرنىڭ ئالدىدا توشقان ئەمەس، پىلدەكسىز. بالا - پادىشاھتىنمۇ قۇدرەتلىك. ئىناق بولغانلار قۇدرەتلىك بولار. ماغدۇرسىز تېكىنىڭ قارىغايدەك مۈڭگۈزى بار. مادارسىغا مادارسىز كۈن بەرمەپتۇ، ماغدۇرلۇق ھارغىچە مادۇرسىز جان ئۈزۈپتۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
كۈچ - قۇۋۋەتكە تولغان، كۈچى جىق، ماغدۇرلۇق، كۈچلۈك.
قۇۋۋەتلىك ئادەم بولماق.
بەدەنگە قۇۋۋەت قىلىدىغان، بەدەننى قۇۋۋەتلەندۈرىدىغان، ئوزۇقلۇق كۈچى زور، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى.
قۇۋۋەتلىك تاماق.
تېز ئۈنۈم بېرىدىغان، ئۈنۈمى يۇقىرى، ئاساس تەركىبى يۇقىرى، كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك؛ مۇنبەت.
قۇۋۋەتلىك يەر.