UyghurMain Dictionary
قۇياش ئېنېرگىيىسىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى
بىئولوگىيە
ئۆسۈملۈكلەر فوتوسىنتېز ئارقىلىق توپلىغان ئورگانىك ماددا تەركىبىدىكى ئېنېرگىيىنىڭ بىرلىك يەر يۈزىگە چۈشكەن قۇياش ئېنېرگىيىسىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى قۇياش ئېنېرگىيىسىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى دەپ ئاتىلىدۇ. قۇياش ھەر مىنۇتتا تەخمىنەن 9 × 10 22 كىلوكالورىيە ئېنېرگىيە تارقىتىدۇ، بۇ 1.16 × 10 10 مىليون توننا ساپ كۆمۈر كۆيگەندە چىقارغان ئېنېرگىيىگە باراۋەر كېلىدۇ. يەر شارى ئاتموسفېراسىنىڭ ئەڭ سىرتقى قەۋىتىگە يېتىپ كېلىدىغان قۇياش رادىئاتسىيە ئېنېرگىيىسى يىلىغا تەخمىنە 1.25 × 10 24 كىلوكالورىيە بولۇپ، بۇنىڭ يەر يۈزىگە ھەقىقىي تۈردە يېتىپ كېلىدىغىنى يىلىغا تەخمىنەن 5 × 10 20 كىلوكالورىيە. پۈتۈن دۇنيادا فوتوسىنتېز ئارقىلىق تۇراقلاشتۇرۇلىدىغان قۇياش ئېنېرگىيىسى يىلىغا تەخمىنەن 7.2 × 10 17 كىلوكالورىيە كېلىدۇ. مۇشۇنىڭغا ئاساسەن ھېسابلىغاندا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ قۇياش ئېنېرگىيىسىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى بىر پىرسەنتىگە يەتمەيدۇ، يەنى پايدىلىنىش ئۈنۈمى ئىنتايىن تۆۋەن. شۇڭا، قانداق قىلىپ قۇياش ئېنېرگىيىسىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇش مەقسىتىگە يېتىش بىر مۇھىم تەتقىقات تېمىسى بولماقتا.