UyghurMain Dictionary
قۇتۇپ سۇلالىسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(1206 - 1290) دېھىلى سۇلتانلىقىنىڭ تۇنجى سۇلالىسى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. قۇللار ئارىسىدىن چىققان ئادەم سۇلتان بولغاچقا، <قۇللار سۇلالىسى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. غۇرىيە سۇلالىسىنىڭ سۇلتانى سىھابىددىن ۋاپات بولغان ۋە بالىسى بولمىغاچقا، ئۇنىڭ قۇلى ۋە ئورۇنباسارى قۇتبىددىن ئايبەك (1206 - يىلىدىن 1236 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) سۇلتان بولدى. ئىلتۇتمىش (1211 - يىلىدىن 1236 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) دەۋرىدە ئاقسۇڭەكلەرنىڭ توپىلىڭىنى تىنجىتىپ، موڭغۇللارنىڭ تاجاۋۇزىدىن مۇداپىئە كۆردى. 1225 - يىلىدىن 1234 - يىلىغىچە سىند ۋە مارخا ئۆلكىلىرنى ئىشغال قىلىپ، ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ خەلىپىسى بەرگەن ئالاھىدە مۇكاپاتقا ۋە ئالاھىدە يارلىققا ئىگە بولدى. بەلابان دەۋرىدە ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ھەممە قارشىلىق كۆرسەتكۈچلەرنى جىمىقتۇرى. شۇنىڭ بىلەن بىللە موڭغۇللاردىن دۆلەتنىڭ سىرتىدا مۇداپىئە كۆرۈش سىياسىتىنى قوللىنىپ، سۇلتانلىقنى مۇقىملاشتۇردى. 1287 - يىلى بەلابان ۋاپات بولغاندىن كېيىن، دۆلەتنىڭ كۈچى ئاجىزلاپ كەتتى. خاۋارىجلاردىن مالىك فىروز (1290 - يىلىدىن 1296 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) 1290 - يىلى سۇلتان بولۇپ، خەراجلار سۇلالىسىنى قۇردى. قۇللار سۇلالىسى ئاخىرلاشتى.