UyghurMain Dictionary
قۇتەيبە
دۇنيا تارىخى
(670 - 715) ئەمرقۇتەيبە دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئەرەب ئىمپېرىيىسى ئومەييە سۇلالىسى خوراساننىڭ باش ۋالىيسى (704 - 715). مىلادى 705 - يىلى توخارىستاننى بويسۇندۇرغان. كېيىن كۆپ قېتىم قوشۇن تارتىپ بۇخارا، سەمەرقەند ۋە خارەزم قاتارلىق جايلارنى ئىستېلا قىلغان؛ بۇددىستلار ۋە ئاتەشپەرەسلەرنىڭ ئىبادەتخانىلىرىنى ۋەيران قىلىپ، ئىستېلا قىلىنغان رايونلاردىكى ئاھالىلەرنى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىشقا مەجبورلىغان. 713 - 715 - يىللىرى پەرغانە رايونىغا بېسىپ كىرگەن. كېيىن قول ئاستىدىكى سەركەردىسى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.