UyghurMain Dictionary
قۇشناچ
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئاياللارنىڭ ھۈرمەت نامى.
« خانىم » ئوقۇمۇشلۇق ئاياللارنىڭ ئاتىلىشى.
باشقىلىرى ئۆزىگە قارىغاندا ئېرىنىڭ ھۈرمىتىدىن شۇنداق ئاتىلدۇ. مىساللاردىن قاراڭ. « ئاپپاق » قۇمۇل شېۋىسى.
كىشىگە قىلغان ئىزادىن خانىم بىزار. قىرىق ئاغىچا ئاچتىن ئۆلۈپتۇ. غوجامنىڭ ئالماسلىقىنى بىلىپ، خېنىم تەگمەس بوپتۇ.
ئايال: كۆلگە چۆكۈپ كەتكەن فۇچۇننى قۇتقۇزىۋالغان سىزمۇ؟
ئەر: ھەئە، بانۇم.
ئايال: ئەمىسە، ئۇنىڭ بىر پاي پەلىيى قېنى؟
قۇشناچىمنىڭ ئېشىنى ئوخشاتقان موللامنىڭ ئوتيېشى.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
مۇسۇلمانلار مەسچىتلەردىكى ئايال ئاخۇنۇملارنى شۇنداق ئاتايدۇ. ئۇلار مۇسۇلمان ئاياللارغا كىتابتىن دەرس ئۆتىدۈ. ئۇلارنى قۇرئان تىلاۋەت قىلىش، ناماز ئوقۇش، ئايال مىيىتىلەرنى سۇغا ئالدۇرۇش قاتارلىق ئىشلارغا ئۇيۇشتۇرىدۇ. بەزىدە رايونلاردا ئاخۇنۇمنىڭ رەپىقىسىمۇ «قۇشناچ» دېيىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئىمام - مەزىن، ئاخۇن، موللا ۋە شۇنىڭدەك ياشقا چوڭراق بولغان دىنىي زاتلارنىڭ مەزلۇملىرىنى ھۆرمەتلەپ ئاتاشتا قوللىنىلىدۇ.
قۇشناچىمنىڭ ئېشىنى ئوخشاتقان موللىكامنىڭ ئوتيېشى (ماقال).