UyghurMain Dictionary
قۇشلىماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر يامان ئىش - ھەرىكەت قىلىشقا دالالەت قىلماق.
ئىت ئىگىسى كۈشكۈرتسە، قاۋايدۇ، چىشلەيدۇ، بەزىلىرى كۈشكۈرتمىسىمۇ قاۋايدۇ، چىشلەيدۇ. قۇتراتقانغا قۇترىما، قۇتراپ قويۇپ دەردىنى تارتما. ئۇ ئۇرۇشۇپ قالغان قېرىنداشلىرىنى ئاجرىتىپ قويماق تۈگۈل، دەيدەيگە سالىدۇ. ئۇ قۇشلىسا، ھەممىنى ئالىدىغان مەخلۇق، «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» دا قۇشلاپ قويسا، جىق كىشىگە ئۇۋال قىلدى. ئول ئاڭار ئىت تۈتۈردى.
شىۋىلەر
تۇرپان شىۋىسى
قۇشنىڭ بېشىنى سىلاپ كۆندۈرۈۋالماق. كۆچمە: بېشىنى سىلىماق، ياخشىلىق قىلماق، خەيرىخالىق قىلماق، ئەكىلەتمەك، بەزلىمەك. مەسىلەن: ئالدىدا قۇشلاپ، كەينىدە مۇشتلايدۇ_ ئالدىدا ماختاپ، كەينىدە تىللايدۇ ( تەمسىل )؛ پاتەمخان ئەتىدىن كەچكىچە بالىسىنى قۇشلاپ ئولتۇرىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ئوۋ قۇشلىرىنى توشقان قاتارلىقلارنى تۇتۇشقا سالماق، ئوۋ قۇشلىرى بىلەن ئوۋ ئوۋلىماق.
قارچىغا قۇشلىماق.
كۆچمە. قۇترىتىپ كۈشكۈرتۈپ ئەۋەتمەك، يولغا سالماق.
رەۋىخان بىر تالاي ۋالاقشىپ گۈلقىزنى قۇشلىدى، گۈلسۈمخانمۇ ئۇنىڭغا يان بېرىپ، قىزىنى قايتىشقا قىستىدى.
كۆچمە. سەلب. قولغا كەلتۈرمەك، قولغا چۈشۈرمەك؛ ئوينىماق.
قىز قۇشلىماق.