UyghurMain Dictionary
قۇدرۇق
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قۇيرۇق.
پۈتۈن ھايۋانلارنىڭ قۇيرۇقى. قوينىڭ قۇيرۇقى « قوي قۇدرۇقى»، ئات قۇيرۇقى « ئات قۇدرۇقى» دېيىلىدۇ. شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
قۇدرۇق قاتىغ تۈگدۈمىز
تەڭرىگ ئۈكۈش ئۆگدۈمىز
كەمشىپ ئاتىغ تەگدىمىز
ئالداپ يانا قاچتىمىز
«(ئات) قۇيرۇقىنى قاتتىق تۈگدۇق،
تەڭرىگە كۆپ ھەمدۇ - سانا ئېيتتۇق،
ئاتنى دېۋىتىپ تەگدۇق (ھۇجۇم قىلدۇق)،
ئالداپ يەنە قاچتۇق.»
ئاتلارنىڭ قۇرۇقىنى قاتتىق تۈگدۇق، تەڭرىگە جىق ھەمدۇ - سانا ئېيتتۇق، يەنى كاپىرلارغا ھۇجۇم قىلىشتا تەكبىر ئېيتتۇق، ئۈزەڭگىگە قاتتىق دەسسەپ ھۇجۇم قىلدۇق، ئۇلارنى ئالداپ ئارقىمىزغا چۈشۈرۈپ يوقىتىش ئۈچۈن قاچقان بولدۇق.
1 - 616
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قۇش قۇدرۇقى _ قۇش قۇيرۇقى. قۇدرۇقتا پىچەك سىما _ مالنى سويۇپ قۇيرۇقىغا بارغاندا پىچاقنى سۇندۇرۇپ قويما.
1 - 617
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قۇيرۇق.
قۇڭ، پۇرۇك سۆزلىرىنىڭ سىلىق ئېيتىلىشى. قۇدرۇقى ئۆتكەن كىشى _ پەجىمى (پۇرۇكى) بوشاپ كەتكەن كىشى.
1 - 618