UyghurMain Dictionary
قۇدرەت
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
كۈچ، قۇۋۋەت؛ قادىرلىق:
ھەر بەلايى پىش كەلسە ئەۋلىيالار ياندۇرۇر،
ئاڭا ھەم ھەقدىن ئىنايەت بولسە قۇدرەت باردۇر.
نۆبىتى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
جىسىمنى ھەرىكەتلەندۇرىدىغان، ھەرىكەتتىكى جىسىمنى توختىتىدىغان ياكى جىسىمنىڭ ھەرىكىتىنىڭ سۈرئىتىنى ئۆزگەرتىدىغان قابىلىيەت، رول، ئۈنۈم.
«كۈچ، قۇۋۋەت، قۇدرەت، جان» ئەڭ ئومۇمىي، ئادەم، ھايۋان ۋە ھەممە شەيئىدە بولىدۇ.
«چاما، مادار، ماغدۇر، ماجال، ھال، دەرما
بىلىم - كۈچ. كۈچ - ئۆملۈكتە. كۈچ - قۇدرەتمۇ ئەقىلغە يول بېرەر. بۇ تاماكىنىڭ كۈچى يوق ئىكەن. ئات كۈچى؛ ئەمگەك كۈچى. ئادەمنىڭ قۇۋۋىتى بىلەكتە، ھايۋاننىڭ تۇياقتا. بىلمەسلكتە بار ئىدى خۇش قۇۋۋىتىم، بىلگىنمدە قالمىدى ھېچ قۇۋۋىتىم. خۇلقى يامانلارغا بەرمە زەررە قۇدرەت، يامانلىقلىرىغا بەرمە كۈچ - قۇۋۋەت. چامىسىغا قاراپ چانىسى. تاماق - تەننىڭ مادارى. ماغدۇرۇم باردا يوق، ماغدۇرۇم كەتكەندە تەييار. قايسى تەرەپكە كەتتى خىيالىڭ، گەر قىلساڭ پەرۋاز، يېتەر ماجالىڭ. ھالى يەتمىگەن خۇداغا يېلىنار. دەرد بار، دەرمان يوق. سۆلى يوقنىڭ كۈنى تەس. قورساقتا نان بولسا، بىلەكتە جان بولىدۇ. جېنى يوق ئېشەك، بىر پارچە خام كېسەك. ئاق نان تېپىشقا قۇربى بار ئىنسان كېپەك ئارقىسىدىن چاپماس ھېچقاچان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
خۇدانىڭ ھەرقانداق نەرسىگە، ھادىسىگە قادىر بولغان كۈچى؛ ئىلاھىي كۈچ.
خۇدانىڭ قۇدرىتى بىلەن.
كۈچ - قۇۋۋەت، مادار.
قۇدرەت تاپماق.
ئەرلەرنىڭ ئىسمى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
كۈچ، ھوقۇق