Chinese→UyghurMain Dictionary
全国劳工同盟
دۇنيا تارىخى
مەملىكەتلىك ئىشچىلار ئىتتىپاقى
<مەملىكەتلىك ئىشىچلار ئۇيۇشمىسى> دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان. 1866-يىلى ئامېرىكىدا قۇرۇلغان شەھەر ۋە يەرلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ بىرلەشمە تەشكىلاتى. رەھبىرى سىلۋىس (1828 - 1869) قېلىپساز ئىدى. ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئەزالىرىدىن باشقا، بەزى ئىجتىمائىي ئىسلاھات تەشكىلاتلىرىمۇ ئەزا بولغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئەزاسى 640 مىڭ كىشىگە يەتكەن. دەسلىپىدە پروگراممىسى سەككىز سائەتلىك ئىش تۈزۈمىنى تەلەپ قىلىش، ئەر - ئاياللارنىڭ ئوخشاش ئىشىغا ئوخشاش ھەق بېرىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىستېمال ھەمكارلىقى كوپىراتىپلىرىنى قۇرۇش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولغان. رەھبەرلىرى گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىدىكى لاسسالچىلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغنالىقتىن، ئىشچىلار بىلەن كاپىتالىستلارنىڭ ماجراسىنى سۆھبەت ياكى ھۆكۈم قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ھەل قىلىشنى تەكىتلىگەن. ئىش تاشلاش ۋاسىتىسىنى قوللىنىپ كۈرەش قىلىشنى تەشەببۇس قىلمىغان. كېيىنكى مەزگىللەردە، سايلام بېلىتىنى قولغا كەلتۈرۈش پارلامېنتىنى ئارتۇقچە تەكىتلەپ، دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ سىياسىي كۈرەشلىرىگە قاتناشقان. 1870-يىلىدىن كېيىن تەشكىلات بۆلۈنۈپ كەتكەن، 1872-يىلى پارچىلىنىپ كەتكەن.