Chinese→UyghurMain Dictionary
全国劳动者同盟
دۇنيا تارىخى
مەملىكەتلىك ئەمگەكچىلەر ئىتتىپاقى
ئىسپانىيىدىكى مەملىكەتلىك بىرلىككە كەلگەن ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى تەشكىلاتى 1888-يىلى سوتسىيالىزمچىلارنىڭ رەھبەرلىكىدە قۇرۇلغان. ⅨⅩ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئەزالىرى پەقەت 15 مىڭ كىشى بولۇپ، 1936 - 1939-يىللىرىدىكى ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلىدە كۆپىيىپ 2 مىليون كىشى ئۆپچۆرىسىگە يەتكەن. ئىتتىپاق ئىشچىلارنى سەككىز سائەتلىك ئىش تۈزۈمى، ئوخشاش ئىشقا ئوخشاش ھەق بېرىش ۋە ئىجتىمائىي قانۇن ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا ئۇيۇشتۇرغان ئىشچىلارنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىغان. 1917-يىلى 8-ئايدا ئومۇمىي سىياسىي ئىش تاشلاشقا ئۇيۇشتۇرغان. 1923 - 1929-يىللىرى ئىسلاھاتچى رەھبەرلىرى پرمودې رىۋېرا مۇستەبىت ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلاشقان. مۇستەبىت ھاكىمىيەت ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىتتىپاق مۇنارخىيىلىك تۈزۈمىگە قارشى تۇرۇپ، جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرۈشىگە ئاتلانغان. ئىسپانىيە ئىچكى ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئىتتىپاق خەلق سېپىگە قاتناشقان. فرانكو مۇستەبىت ھاكىمىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن مەزكۇر ئىتتىپاقنىڭ پائالىيىتى مەنئى قىلىنغان. ئىتتىپاق رەھبەرلىرى كېيىن فرانسىيىدە مەملىكەتلىك ئەمگەكچى مۇساپىرلار ئىتتىپاقى< نى قۇرغان.