UyghurMain Dictionary
قورۇق
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
يۈز تېرىسىنىڭ تارتىشىشى، سولىشىشىدىن ھاسىل بولغان سىزىق.
قېرىغاندا يۈزگە قورۇق چۈشىدۇ. * ئۇنىڭ يۈزىگە قورۇق چۈشۈپتۈ. * دەرد قورۇقى كېتەر، ئاچ قورۇقى كەتمەس (ماقال) .
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ئەتراپى تام بىلەن ئورالغان يەر.
قورۇق تام سالماق.
شىۋىلەر
قورۇق تام؛ جاڭزا ياكى بەگلەرنىڭ يېزا خوجۇلۇقى.
دۇنيا تارىخى
ياپونىيە كائىكا ئىسلاھاتىدىن ئىلگىرىكى يەر مۈلۈكچىلىكىنىڭ ئاساسىي شەكلى. ئەسلىدە شال يىغىدىغان ھۆكۈمەت ئامبىرى دېگەن مەنىدە بولۇپ، كېيىن خان ۋە ئۇنىڭ ھاكىمىيىتىگە قاراشلىق تېرىلغۇ يەر، قارام دېھقانلار ۋە سۇغىرىش ئىنشائاتلىرىنى بىلدۈرىدىغان ئاتالغۇغا ئايلانغان. مىلادى Ⅳ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن Ⅴ ئەسىرگىچە تېرىقچىلىق تەشكىلاتى ۋە سىرتتىن كەلگەن تېخنىك خادىملارنى ئىشلىتىپ خېنىي تۈزلەڭلىكىدە (ھازىرقى ئوساكا ۋىلايىتى) بوز يەر ئاچقان. ئۇلارنىڭ ئەمەلدارلىرى تېرىقچىلىق تەشكىلاتى گورۇھىنىڭ باشلىقلىرىدىن تەيىنلەنگەن. پايتەخت ئەتراپىدىن باشقا جايلاردىمۇ قورۇقلار تەسىس قىلىنغان. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى يەنە ھەربىي بازا خاراكتىرىنىمۇ ئالغان. خان ئوردىسى يەنە ئاقسۆڭەكلەر ۋە يەرلىك بايلارنىڭ ئېتىزلىرىنى مۇسادىرە قىلىپ، قورۇق قىلىپ كېڭەيتكەن. Ⅵ ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىگە كەلگەندە، يەرلىك بەگلەر ياكى تۆۋەن دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى قورۇق باشلىقى قىلىپ ئەۋەتكەن. 569 - يىلى قورۇق باشلىقلىرىنى كېبېي بەيجۇ قورۇقىغا ئەۋەتىپ، قورۇقلارنىڭ تىزىملىكىنى تۈزۈپ چىقىپ، قورۇقلار خان ئوردىسىنىڭ بىر تۇتاش باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈلگەن، تائىكا ئىسلاھاتىدىن كېيىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى. ئورۇقلاش، گۆشى ياكى سۈيى قېچىش، قېرىش قاتارلىق سەۋەبلەردىن نەرسىلەرنىڭ سىرتقى يۈزىدە ھاسىل بولغان پۈرۈم، سىزىق؛ قورۇلۇپ قالغان جاي.
دەرد قورۇقى كېتەر، ئاچ قورۇقى كەتمەس (ماقال).
سۈپ. كۆچمە. قورۇلۇپ قالغان، ئورۇق ھەم ۋىجىك، جانسىز، ئاجىز.
ئېشىكىڭ ئورۇقتۇ، تاز؟ يا كىچىك، قورۇقتۇ، تاز؟
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئۆي - ئىمارەتلەر سېلىنغان، دەل - دەرەخ، باغۋارانلىق دېھقانچىلىق مەيدانى؛ ئېكىنزار.
ئېكىنزار ياكى باغ، ھويلا - ئارام قاتارلىقلارنى سىرتتىن مۇداپىئە قىلىش ئۈچۈن سېلىنغان نىسبەتەن پاكار تام.