UyghurMain Dictionary
قورۇ
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
قورۇماق، قورۇش. گۆش، ئوتياشلارنى ياغقا ئارىلاشتۇرۇپ پىشۇرماق.
سەي قورۇماق. * شورپا شورۇشتىن، پولو قورۇشتىن (ماقال) . * ئۆز يېغىدا ئۆز گۆشىنى قورۇماق (ماقال) .
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
قورۇماق، قورۇش. ھەيدىمەك، قورۇغدىماق، باقماق، ئاسرىماق.
تېرىقمۇ تېرىمايمەن، قۇشقاچمۇ قورۇمايمەن (ماقال) . * چىۋىن قورۇغان يەرگە قونىدۇ (ماقال) . * ئۇنىڭ چىۋىن قورۇغۇدەك ھالى يوق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مال - چارۋىلارنىڭ ئايرىپ باقىدىغان توپى.
پادا باقاردا دوست ئىدۇق، ياڭاق چاققاندا ئايرىلدۇق. چىشقاق موزاي پادىنى بولغار. پەخەس بول، قورۇغا بۆرە چۈشمىسۇن. باشباينىڭ 30 قورۇ مېلى بار ئىكەنمىش. قاچقاق ئايغىر ئۈيۈرىنى توزۇتار.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۆي - جاينىڭ ئەتراپى قورۇقلانغان مەيدانى.
<ھالۇ> خوتەن دىئالېكتىدا قوللىنىلىدۇ.
ھۇرۇنغا ھويلىدىكى سۇ يىراق. ھويلامنىڭ تېمى يوق، دەرۋازىسى قۇلۇپلاقلىق. تالاغا ھەيدىسەڭ قورۇغا قاچىدۇ. <سەيناغا كىرىلى>، - دېدى كۇچالىق دوستۇم. چارۋىچىلىق رايونلىرىدا ئوت كۈرەسى ياسالدى.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئوغرى تىكەن، تۆمۈر تىكەن.
قىپچاقچە.
3 - 308
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى. ھويلا ۋە ھويلا ئىچىدىكى ئۆي - ئىمارەتلەرنىڭ ئومۇمىي نامى.
ئى. يايلاقلاردىكى ماللارنى سولاش ئۈچۈن ئەتراپى قورشالغان جاي، چوڭ قوتان.
ئۇ ماللارنى ئۇتتۇر قورۇغا ھەيدەپ كەتتى.
مىق. ساناق سانلار بىلەن كېلىپ مىقدارنى بىلدۈرىدۇ.
بىر قورۇ ئات. ئىككى قورۇ قوي.