UyghurMain Dictionary
قورسىقىدا ئېلىپنىڭ سۇنۇقى يوق
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئوقۇش - يېزىشنى بىلمەيدىغان.
ساۋاتلىق، قولىدا خېتى بار
ئوقۇش - يېزىشنى بىلىدىغان.
جۇڭگودا 40 يىلدىن بۇيان 180 مىليون ئاھالە ساۋاتسىزلىقتىن قۇتۇلۇپ ساۋاتلىق بولغان. ئۇنىڭ قولىدا خېتى بار، ئۆز ھاجىتىدىن ئۆزى چىقالايدۇ. ساۋاتسىزغا سان يوق. قارىتۈرۈك ئالەمدىن خەۋەرسىز. ئوقۇماي - بىلمەي كۆزى ئوچۇق قارىغۇ بولۇپ قالدىم. قورسىقىدا ئېلىپنىڭ سۇنۇقى يوق بولغان بىلەن قورسىقىدا جورى كۆپ كىشىلەر بار.
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
بىلىمى يوق، نادان، قابىلىيەتسىز، ھېچنېمە بىلەيدىغان قارا قورساق: قارا بوسۇق باتۇر بولغان بىلەن قورسىقىدا ئېلىپنىڭ سۇنۇقى يوق بىر قارىتۈرۈك.