UyghurMain Dictionary
قوپال
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
تۈز، تەكشى ئەمەس.
سىلىق، سىپتا، نەپىس
تۈپتۈز، غىدىرى يوق، تەپتەكشى.
تېۋىپنىڭ قولى قانچە سىلىق بولسا، داۋاسى شۇنچە شىپالىق بولىدۇ. سىلىق سۆز تاشنى يارار. يىلاننىڭ تېشى سىلىق، ئىچى زەھەر. قولى سىپتىنىڭ ئىشى سىپتا. نەپىس ئىشلەنگەن ئىش ھۈنەرۋەننىڭ داڭقىنى ئاشۇرىدۇ. قوپال ئادەم قوپال ئىش قىلىدۇ. دوستۇڭدىن ئايرىلغۇڭ كەلمىسە، قوپال چاقچىقىڭنى قوي. يىرىك توقۇلغان ماتادىن سىپتا كۆڭلەك چىقماس. غۇدۇدۆڭ ئىشلەنگەن نەپىس ھېسابلانماس.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
مىجەز - خۇلقى يېقىمسىز.
مۇلايىم، ئوماق، لىۋەن
مىجەز - خۇلقى يېقىملىق.
كۆپ بەرسەڭ، موللىمۇ مۇلايىم. ئۇنىڭ پوزىتسىيىسى بەك قوپال ئىكەن، تۈزۈك گەپلەشكىلى بولمىدى. ئۇ بىر ئۇماق بالا ئىدى، كېيىنچە ئانىسى ئۆلۈپ كېتىپ، دادىسىنىڭ قولىدا قالدى، ئۇنىڭ قوپال مۇئامىلىسى ئۇنى توڭ قىلىپ قويدى. بۇ چوكان ئەجەب لىۋەن ئىكەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. گەپ - سۆز، ھەرىكەتلىرى سلىق ئەمەس؛ كىشىگە قاتتىق تېگىدىغان (ئادەملەر ھەققىدە).
ئۇ ھازىر بۇرۇنقى قوپال، خىيالچان سونۇر ئەمەس.
سۈپ. يېقىمسىز، سوغۇق، توڭ، ئاچچىق (گەپ - سۆز، ئاۋاز ھەققىدە).
قوپال سۆز. قوپال جاۋاب.
سۈپ. سىلىق ئەمەس، سەت، كۆرۈمسىز؛ شەكلى، كۆرۈنۈشى ناچار، ئوڭغۇل - دوڭغۇل (ھەر خىل نەرسىلەر ھەققىدە).
ئۇ يار - يار ھارۋىنىڭ ئېگىز ۋە قوپال چاقىغا ئۇرۇلۇپ كەتكىلى تاسلا قالدى.
رەۋ. سەت، كۆرۈمسىز؛ رەتلىك، چىرايلىق ئەمەس.
يىپمۇ قوپال ئورالغانىدى.