UyghurMain Dictionary
قوبۇل قىلماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
رەت قىلماي، ئۈستىگە ئالماق.
توغرا مەسىلىھەتنى ئەلۋەتتە قوبۇل قىلىش كېرەك. سالام بېرىش پەرز، ئىلىك ئېلىشمۇ پەرز.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
كۆنمەك، قوشۇلماق.
تەكلىپنى قوبۇل قىلماق. ئۆزىنى قوبۇل قىلماق.
ئالماق، ئۆتكۈزمەك، كىرگۈزمەك.
ئەسكەرلىككە قوبۇل قىلماق.
قارشى ئالماق، كۆرۈشمەك.
ماجۇڭيىڭ ۋەكىللەرنى ئۆزىنىڭ ياتىقىدا قوبۇل قىلدى.
كۆرمەك، داۋالىماق.
كېسەل قوبۇل قىلماق.
تاپشۇرۇۋالماق، ئۆتكۈزۈۋالماق.
بۇيرۇق قوبۇل قىلماق.
ئىلىلك ئالماق.
بوۋاي كۆز ئىشارىتى بىلەن سالامنى قوبۇل قىلىدۇ.
ماقۇللىماق، تەستىقلىماق.
يىغىندا بىر نەچچە قارار قوبۇل قىلدۇق.
ئىبرەت ئالماق، يەكۈنلىمەك، مۇئەييەنلەشتۈرمەك.
تەجرىبە ساۋاقلارنى قوبۇل قىلماق.
<بىئول> جانلىق ئورگانىزملارغا توقۇلما سىرتىدىكى ماددىلارنى توقۇلما ئىچىگە ئېلىپ كىرمەك، ئۆزلەشتۈرمەك.
قوبۇل قىلغۇچى تەنچە.
<فىز> رادىئو دولقۇنلىرى ئۆزىگە ئالماق، تۇتماق.
قوبۇل قىلغۇچى ئاپپارات.
كاللىسىدىن، ئىدىيىسىدىن ئۆتكۈزمەك.
بوۋاي تۇيۇقسىز بېسىپ كەلگەن بۇ ئالامەتنى قوبۇل قىلالمىدى.