UyghurMain Dictionary
قولى قىسقا
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھال - ئوقىتى ناچار، تۇرمۇشى قىيىن كىشى.
كەمبەغەل دېھقان؛ شەھەر كەمبەغەلى. كەمبەغەل بولساڭ كۆچۈپ باق. نامراتلارنى يۆلەش كېرەك. نامرات بولساڭ شەھەر قوغلاش. ئىت گادايدىن قورقىدۇ، گاداي ئىتتىن. گاداينىڭ بالىسى، باينىڭ كالىسى. ئۇ بىچارە قاششاق ئادەم. ھەممىسىدىن ئايرىلدىم، قاق سەنەم بولۇپ قالدىم. قولى قىسقىنىڭ يولى قىسقا. قولى ئۈزۈكنىڭ قولى گەجگىسىگىمۇ يەتمەيدۇ. كېيىك ئوقسىزغا ئۇچراپتۇ، بالا - قازا يوقسىزغا. يوقسۇلغا يولدا يولۋاس ئۇچراپتۇ. مەن بىر ئۇرۇق ئات، رەھىم قىلسىلا.
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
ئىقتسادىي ئەھۋالى ناچار، قول - ئىلكىدە يوق؛ كەمبەغەل، نامرات: مەن بىر يېتىم، قولۇم قىسقا، جاۋاب نەدە مۇشۇ ئىشقا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىقتىسادىي ئەھۋالى ناچار، كەمبەغەل.
ئۆتكەندە قولۇم قىسقا بولغاچقا تويىمىزنى ۋاقتىدا قىلالمىدۇق.