UyghurMain Dictionary
قولى كەڭ
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
پۇل - مېلىنى ئىشلىتىشكە مەرد، باشقىلارغا نەپ بېرىدىغان، ھىممەتلىك.
بېخىل، پىخسىق، پىششىق ، خەسىس
ئاسمانغا ئىسىنى، ئىتقا يۇندىسىنى كۆرسەتمەيدىغان، تاشنى سىقىپ سۈيىنى ئىچىدىغان، تىيىننىڭ تۆشۈكىدىن ئۆمىلەپ ئۆتىدىغان، پىتتىن پوستۇما ئالىدىغان. ئۆزىنىڭ پۇل - مېلىنى ئىشلىتىشكە قىيمايدىغان، باشقىلارغا قىلچە نەپ بەرمەيدىغان.
بېخىل بايدىن سېخىي گاداي ياخشى. سېخىينىڭ بەرگۈسى كەلسە، بېخىلنىڭ جېنى چىقىپتۇ. قولى ئوچۇقنىڭ يولى ئوچۇق. ئېتى ئورۇق دېگۈچە، ئىگىسى پىخسىق دېسەڭچۇ. پىششىق پىشقان ئاشتىنمۇ قىزغىنىدۇ. خەسىسنىڭ ئۆيى دوزاخ. ئۇ شۇنداق پىششىقكى، قىش كۈنى قار سورىساڭ بەرمەيدۇ. خەسىس بايدىن قولى كەڭ كەمبەغەل ئارتۇق. ئۇ تاشنى سىقىپ سۈيىنى ئىچىدىغان ئادەم. ئۇنداق پىتتىن پوستۇما ئالىدىغان نېمىدىن بىرنېمە چىقارمۇ؟ ئۇلارنىڭ ئىچىدە تۆت سەر ئىچىپ، ئون سەر مەست بولىدىغان گاڭگۇڭلارمۇ، تىيىننىڭ تۆشۈكىدىن ئۆمىلەپ ئۆتىدىغان ساختىپەزلەرمۇ بار ئىدى.
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
باشقىلاردىن ھېچنېمىسىنى ئايىمايدىغان؛ مەرد، سېخىي: بېخىل بايدىن قولى كەڭ نامرات مىڭ ئەۋزەل.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سخىي، مەرد.
پىخسىق بايدىن قولى كەڭ كەمبەغەل مىڭ ئەۋزەل.