UyghurMain Dictionary
قەدىمكى قەبرە مەدەنىيىتى
دۇنيا تارىخى
ياپونىيەنىڭ قەدىمكى دەۋر مەدەنىيىتى، يايوئى مەدەنىيىتىدىن كېيىن تۇرىدۇ. يىل دەۋرى تەخمىنەن مىلادى Ⅲ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن تارتىپ Ⅶ ئەسىرگىچە بولغان ياپونىيىدىكى قەدىمكى دۆلەتلەرنىڭ شەكىللەنگەن مەزگىلىگە توغرا كېلىدۇ. ئەينى دەۋرلەردىكى ئاقسۆڭەكلەر ياساتقان قەدىمى قەبرىلەر ئالاھىدىلىك قىلىنغانلىقتىن شۇنداق دەپ ئاتالغان. قەدىمكى قەبرىلەر تىپىك بولغان ئالدى تەرەپ چاسا شەكىلدە كەينى تەرەپ يۇمىلاق بولغان قەبرىلەردىن باشقا يەنە يۇمىلاق قەبرە، چاسا قەبرە قاتارلىق شەكىللەرمۇ بولغان. يەنە ئالدىم چاسا، كەينىمۇ چاسا، ئىككى تەرىپى چاسا، ئوتتۇرىسى يۇمىلاق، ئۈستى يۇمىلاق، تۆۋەن تەرىپى چاسا قاتارلىق ئالاھىدە شەكىلدىكىلىرىمۇ بولغان، لەھەت قۇرۇلمىسىدا تىك ئۆي ۋە تۈز ئۆيدىن ئىبارەت ئىككى خىل بولغان ئاخىرەتلىك بۇيۇملاردىن زىننەت بۇيۇملىرى، قورال - ياراق، ساۋۇت - دۇبۇلغا، ئىگەر - جابدۇق ۋە ساپال قورچاق قاتارلىقلار بار. ساپال قورچاق دەپنە ۋاقتىدا قەبرە ئىچىگە بىرگە قويۇلماستىن بەلكى قەبرە توپىسىنىڭ ئۈستىگە قۇيۇلغان، بەزى قەبرىلەردىن يەنە جۇڭگونىڭ خەن، ۋىي، ئالتە سۇلالىسىنىڭ مىس ئەينىكىمۇ چىققان.