UyghurMain Dictionary
قەدىمكى جاغلىقلار باش ئەترىتى
بىئولوگىيە
<تۈز كۆكرەكلىكلەر باش ئەترىتى> (Ratitae) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قۇشلار سىنىپىغا كىرىدۇ. ھازىر ساقلانغان، تەن شەكلى ئەڭ چوڭ قۇشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ تۈردىكى قۇشلار يۈگۈرۈپ مېڭىشقا ماسلاشقان ۋە بىر قاتار ئىپتىدائىي ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە؛ قانىتى رۇدىمېنتلاشقان، تۆش سۆڭىكىدە تاج ئۆسۈكچىسى، تۇغۇر ئۇچى ئومۇرتقىسى ۋە تۇغۇر (قۇيرۇق) ماي بېزى يوق، پەيلىرى تەكشى تارقالغان بولۇپ، پەيلىك ۋە پەيسىز رايون دەپ ئىككىگە بۆلۈنمەيدۇ. پەي شاخلىرىدا پەي ئىلمەكچىسى بولمىغاچقا پەي يەلپۈگۈچى شەكىللەنمەيدۇ. پۇت بارماقلىرى يۈگۈرۈپ مېڭىشقا ماسلىشىپ، 2 - 3 بارماققا ئازىيىشقا يۈزلەنگەن. ئەركىكىنىڭ تەرەققىي قىلغان چېتىشىش ئورگىنى بولىدۇ. ھەر خىل ئۆسۈملۈك ۋە كىچىك ھايۋانلار بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ. بالىسى بالدۇر يېتىلىدۇ. تارقىلىشى جەنۇبىي يېرىم شار يەنى ئافرىقا، ئامېرىكا ۋە ئاۋسترالىيىلەرنىڭ جەنۇبى بىلەنلا چەكلەنگەن. ئىستېمال قىلىشقا ھەم پەيلىرىنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ. تۆۋەندىكى تۆت ئەترەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان؛ ئافرىقا تۆگە قۇشى ئەترىتى (Struthioniformes) تۆگە قۇش ياكى ئافرىقا تۆگە قۇشى (Struthiocomelus) ھازىر ياشاۋاتقان ئەڭ چوڭ قۇشلاردىن بولۇپ، بەدەن ئېگىزلىكى 75.2 مېتىرغا، ئېغىرلىقى 135 كلوگرامغا يېتىدۇ، پۇتىدا ئىككى بارمىقى ۋە گۆشلۈك تاپىنى بولۇپ، قۇملۇق چۆللەردە يۈگۈرۈپ ياشاشقا ماسلاشقان، بىر چامدامدىلا سەككىز مېتىر، سائىتىگە 60 كلومېتىر يۈگۈرۈپ يۈگۈرۈك ئاتلاردىنمۇ قېلىشمايدۇ، ئەركەك - چىشىسىنىڭ رەڭگى ئوخشىمايدۇ، توپلىشىپ ياشايدۇ، ئافرىقىنىڭ قۇملۇق رايونلىرىدىن چىقىدۇ، تۇخۇمى ئالاھىدە چوڭ بولۇپ، ئېغىرلىقى 1300 گرامغا يېتىدۇ. ئەركەك - چىشىسى بىردەك تۇخۇم بېسىش ۋە چۈجىسىنى بېقىشقا قاتنىشىدۇ، ھازىر سانى ئاز بولۇپ، قوغداش كۈچەيتىلمەكتە؛ ئامېرىكا تۆگە قۇشلىرى ئەترىتى (Rheiformes)، رېئا تۆگە قۇشى (Rhea americana) <ئامېرىكا تۆگە قۇشى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تەن شەكلى ئافرىقا تۆگە قۇشىغا ئوخشاش بىراق سەل كىچىكرەك، پۇتى ئۈچ بارماقلىق، يۈگۈرۈشكە ماھىر توپلىشىپ ياشايدۇ. ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ ئوتلاقلىرىدىن چىقىدۇ، تۇخۇم بېسىش ۋە چۈجىسىنى بېقىش ۋەزىپىسىنى ئەركەك قۇش ئۆتەيدۇ؛ ئاۋسترالىيە تۆگە قۇشى ئەترىتى (Casuariiformes) بۇ ئەترەتتىكى ئاۋسترالىيە تۆگە قۇشى (Dromiceiusnovaehollandiae) تۆگە قۇشىغا ئوخشاش، لېكىن كىچىكرەك، پۇتى ئۈچ بارماقلىق، باش قىسمىنىڭ پەيلىرى ئاز ھەم شالاڭ، باش ۋە بوينىنىڭ يانلىرى يالىڭاچ، تەرەققىي قىلغان قوشۇمچە پەيلىرى بار. توپلىشىپ ياشايدۇ، بالىسىنى ئەركىكى بېقىپ چوڭ قىلىدۇ. ئاۋسترالىيە ۋە تاسمانىيىنىڭ ئوتلاق ۋە چۆللۈك رايونلىرىدا ياشايدۇ. يەنە بىر تۈرى چوغچىقۇش (Casuarius casuarius) يەنى تۇرنىسىمان تۆگە قۇشنىڭ باش قىسمى يالىڭاچ، چوڭ ھەم ياپىلاق بولغان مۈڭگۈز ماددىلىق تاجىسى بولىدۇ، بوينىنىڭمۇ كۆپ قىسمى يالىڭاچ بولۇپ، ئاستىدا گۆشى ساڭگىلاپ تۇرىدۇ. پەيلىرى قارا، قوشۇمچە پەيلىرى تەرەققىي قىلغان. ئاۋسترالىيە، ئېرىئان ئارىلى ۋە شۇ ئەتراپتىكى ھەرقايسى ئاراللاردىكى قويۇق ئورمانلىقلاردا ياشايدۇ؛ كىۋى ئەترىتى (Apterygiformes) ياكى قاناتسىزلار ئەترىتى دېيىلىدۇ، كىۋى، يەنى قاناتسىز قۇش (Apteryxowenii) بولسا، قەدىمكى جاغلىقلر باش ئەترىتىدىكى ئەڭ كىچىك بىر تۈر بولۇپ، چوڭلۇقى توخۇغا ئوخشاش، قانىتىنىڭ ئىزىلا قالغان، پۇتى قىسقا، تۆت بارماقلىق، تۇمشۇقى ئىنچىكە ئۇزۇن ھەم تۆۋەنگە سەل ئېگىلگەن بولۇپ، ئاخىرقى ئۇچىدا بۇرۇن تۆشۈكى بولىدۇ. دېمەك، بۇ باشقا قۇشلاردا بولمايدىغان ئالاھىدىلىك ھېسابلىنىدۇ. پۇراش سەزگۈسى ناھايىتى يۇقىرى، قويۇق چاتقالىقلاردا ياشاپ كېچىسى ھەرىكەتلىنىدۇ. تۇخۇمى چوڭ، ھەر نۆۋەتتە 1 - 2 نى تۇغىدۇ. تۇخۇم بېسىشقا ئەركەك قۇشمۇ قاتنىشىدۇ.